ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
1. ئايالىڭىز بېرىلىپ ياسىنىۋاتقاندا تاقەتسىزلىنىپ «بولدى، بولدى، بۇنچىلىك چىرايلىق ياسىنىپ كىمگە چىرايلىق كۆرۈنمەكچى ئىدىڭىز؟» دېمەڭ چۈنكى، بۇ بىر جۈملە سۆز ئايالىڭىزنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدۇ؛
2. ئايالىڭىز بالىڭىزنى ئەركىلىتىۋاتقاندا، دارتىمىلاپ: «قاراڭ سىزنى، ئۇنى قانداق ئادەتلەندۈرۈپ قويدىڭىز؟» دېمەڭ. چۈنكى، ئانا مېھرى ناھايىتى چوڭقۇر بولىدۇ.
3. ئەگەر كېلىن بىلەن قېينئانا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ياخشى بولماي، سەۋەنلىك ئايالىڭىزدا بولسا، ئالدىراپ: «ئاپام سىزگە شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتسا، نېمىشقا رازى بولمايسىز؟» دېمەڭ. چۈنكى ئايالىڭىز گېپىڭىزنى ئاڭلاپ سىزدىن نارازى بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە، كېلىن بىلەن قېينئانا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ.
4. ئايالىڭىز ماگىزىندا كىيىم تاللىغاندا بەك تاللاپ كەتسە، ئۇنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىپ: «ئۆزىڭىز قاراپ بۇ بىر قۇرنى ئالسىڭىزلا بولمىدىمۇ؟» دېمەڭ. ئەگەر بۇنداق دېسىڭىز، ئايالىڭىزنىڭ كۆڭلىگە كېلىدۇ.
5. ئايالىڭىز دوستلىرى بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۆيگە كەچرەك قايتىپ كەلگەندە، «كۈن بويى سىرتتا نېمە ئىش قىلدىڭىز؟» دېگەن گەپلەرنى ئامال بار قىلماڭ. بۇ ئايالىڭىز بىلەن ئىككىڭىزنىڭ ھېسسىياتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
6. ئايالىڭىز بىلەن ئازارلىشىپ قالغاندا:«سىز نېمىنى بىلىسىز؟ سىزنىڭ ئۇنچىلىك بىلمىڭىز كىچىك بالىغا دەرس ئۆتۈشكىمۇ يارىمايدۇ!» دەپ زىتىغا تەگمەڭ. چۈنكى توغرا خاتاغا ھۆكۈم قىلىشتا ئاياللار سەزگۈر كېلىدۇ.