150يۈەنلىك قىز
بۇ شەھەرگە كېلىپ دۇكان ئاچقىلىمۇ مانا ھەش پەش دېگۈچە بىريىل بولۇپ قاپتۇ. بۈگۈنمۇ ئادىتىم بويىچە كەچتە، كومپىيوتېر ئالدىدا خەۋەر كۆرگەچ،تايىنى يوق شۇ بىر كۈنلۈك سودىدىن خاپا ئولتۇراتتىم. دۇكاننىڭ چىراقلىرنى ئۆچۈرمەي ئولتۇراتتىم. دەل شۇ چاغدا دۇكاننىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ چىرايلىق بىر قىز كىرىپ كەلدى.
-ياخشىمۇسىز؟
-سىزگە نىمە كېرەك؟
-كۆرۈپ باقاي دىگەن.....
- ئۇنداق بولسا كۆرۈڭ.
بۇ قىز ماللارنى كۆرۈپ دۇكاننى ئايلاندى. مەن كومپىيوتېر ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردۇم، ئۇ دۇكاننى خېلى ئايلاندى، خېلى ئۆتكەندىن كىيىن ،كومپيۇتېرڭىزدىن تېلفۇنۇمغا ناخشا قاچىلاپ بېرەمسىز؟ ،-دېدى. مەن سەل ھەيران بولۇپ - بولىدۇ دىدىم.
سىز قانداق ناخشىلارنى ياختۇرسىز ؟ قانداق بولسا بولىۋېردۇ. مەن بىردەم ھەپلىشىپ ناخشىمۇ قاچىلاپ بولدۇم. ئۇ يەنە چىقىپ كەتمەي ئولتۇراتتى، مەن ئۇنىڭدىن يەنە باشقا ئىشىڭىز بامۇ دەپ سوردىم.
-سىز مۇشۇ دۇكاندا ياتامسىز؟ -دەپ سورىدى ئۇ قىز. -ھەئە دېدىم،- مەن .
-مەن مۇشۇ يەردە يېتىپ قالسام بولامدۇ؟............. قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قالدىم، نىمە ؟دەپ تۇرۇپلا قاپتىمەن .
ئۇ قىز پەدىشەپنى قايرىپلا ،بىر كېچە ھەمرا بولسام 150يۈەن دىدى. مەن ئۆز قۇلاقلىرىمغا ئشەنمەيلا قالدىم............ ئارىدىن سەل ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئۆزۇمگە كەلدىم. بۇ قىز ھەقىقەتەن چىرايلىق ئدى . مەن تازا بىر سەپ سالغاچ ئاستىغىنە قېنى ئولتۇرۇڭ سىڭلىم ئۇسسۇزلۇق ئىچىڭ- دىدىم ۋە تولىمۇ مۇلايىملىق بىلەن مېنى كەچۈرۈڭ سىڭلىم، مەن بۇ يولدىكى ئادەم ئەمەس،مېنىڭ ئايالىم ۋە ئاللاھ بەرگەن بىر قىزىم بار. گەرچە ئارلىقىمىز يىراق بولسىمۇ مەن ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىكى ھەقلىرنى ئۇنتۇغۇنۇم يوق. مەن بۈگۈن مۇشۇ ئازراق ھايۋانىي ھېسياتىمنى دەپ، مۇشۇ خاتا بولغان كوچىغا كىرسەم، قىزىمدىن ئايالىمدىن يېنىپ قېلىشدىن قورقىمەن. سىزنى سىڭلىم دەي ، بۇخاتا يولدىن يېنىڭ! سىزنىڭ قانداق بولۇپ بۇ يولغا كىرىپ قالغىنىڭىزنى سورماي،بۇ يولدىن ھازىر قايىتسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز. پۇل كېرەك بولسا ھالال ئىشلەڭ،ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، شۇندىلا سىز بۇھاياتنىڭ نەقەدەر گۇزەللىكىنى ھېس قىلالايسىز. بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقىنىمدا ئۇنىڭ خىجىل بولغىننى سەزدىم. تەلەپپۇزىڭىزدىن قارىغاندا سىزنىڭ بۇ شەھەردىن ئەمەسلىكىڭىز چىىقىپ تۇردۇ. بارغۇدەك يېرىڭىزمۇ يوقتەك قىلىدۇ . بۇگۇن مېنىڭ قېشىمغا ئۈسۈپلا كىردىڭىز،مەن سىزنى قوغلىماي مۇشۇ يەردە قونۇپ قېلىڭ ، بايا بىر كېچىلىكىڭىز 150يۇەن دىدىڭىز ، بولدى ، مەن سىزگە500يۇەن بېرەي، بۈگۈن سىز مېنىڭ بولدىڭىز ، مېنىڭ بولغانكىن مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلايسىز؟! ئۇ قىز ئۈندىمەي تۇراتتى.
سىز مېنىڭ كارۋىتىمدا يېتىڭ، مەن مۇشۇ ئورۇندۇقتا ئۇخلاي، مەڭ بۇ پۇلنى ئېلىڭ!!
ئۇ پۇلنى ئالماي بېشىنى ساڭگىلتىپ تۇراتتى . - كەچۈرۈڭ ئاكا مەن بۇ پۇلنى ئالالمايمەن ، مەن بۈگۈن پۈتۈن دۇنيانى ئالغاندەك بولدۇم. - ياق سىڭلىم بۇ پۇلنى ئېلىڭ ، بۇ پۇل سىزنىڭ ھەققىڭىز ، بىزنى كەچۈرۈڭلار سىڭلىم، بىز ئوغۇللار سىزلەرگە ئىگە بولغان بولساق ،سىزلەرنى قەدىرلىگەن بولساق ، سىلەرمۇ بۇ يولغا كىرىپ قالمىغان بولاتتىڭلار.
بۇنچىلىك قىلىش ھەربىر ئۇيغۇر ئەرلىرنىڭ قەرزى ھەم پەرزى، قىزنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىردىن ياش ئاقماقتا...........................................................................
مەن بۇ يەردە قىز بىلەن بولغان سوھبەتنىڭ ئاز بىر قىسمىنىلا سۆزلىدىم ، دوسلار ئۇلارنى كەمسىتمەيلى! ئۇلارغا توغرا مۇئامىلە قىلايلى. ئۇلارنى مۇشۇ خاتا يولدىن قايتۇرالمىساقمۇ ، ئەمما ئۇلارغا بىر ئېغىز ھەق سۆزلەپ قويساق، تەربىيە بېرىپ قويساق، بۇ بىز ئۈچۈن غەلبە!