تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
چاچ نېمىشقا بالدۇر ئاقىرىپ كېتىدۇ؟

بەزىلەرنىڭ چېچى بالدۇر ئاقىرىپ كېتىدۇ، ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشىگە تۇرمۇش ئۇسۇلى سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، بۇنداق ئەھۋالنىڭ يەنە مۇنداق سەۋەبى بارلىقىنى بايان قىلدى:

ۋىتامىن B12 ئازىيىش : ۋىتامىن B12 ئازايسا چاچ ئاقىرىپ كېتىدۇ، چۈنكى بۇ خىل ۋېتامىن نېرۋا ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ساغلام قىزىل قان دانچىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئەگەر چاچقا تۇيۇقسىز ئاق كىرسە، سەدەپ قۇلۇلىسى، ئوستېر قۇلۇلىسى، توخۇ گۆشى ۋە سالمان بېلىقى يەپ ۋىتامىن B12 نىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى تېزلىتىش زۆرۈر.

تاماكا چېكىش: تاماكا چېكىش چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەب، چۈنكى تاماكىدا بار توكسىن ۋىتامىن B12 نى خورىتىپلا قالماي، يەنە قېرىشىنى تېزلىتىپ، ئارتېرىيە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ ،شۇڭا تاماكا تاشلاش چاچنى ئاسرايدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىر.

بېسىم: بېسىممۇ چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ، بىراق بۇ جەرياننى ئەكسىگە قايتۇرغىلى بولمايدۇ، شۇنداقتىمۇ چاچ بوياقنى ئاز ئىشلىتىپ، كۈن نۇرى تاۋلانغان چاغدا دالىدا پائالىيەت قىلسا، چاچنىڭ ئاقىرىش سۈرئىتىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ.

 

 

 

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى




ئەسلى مەنبەسى: www.nur.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز