بىز ئىككىمىز سۆيۈشمىسەك ناۋادا
ئابلەت ئەخمەت
تاتىلايسەن تەشۋىشلەردە ئىچىمنى،
كۆيۈۋاتقان كىرپىكىڭگە قوندۈرۈپ.
تۇرماقتىسەن تىۋىشىمغا تىكىلىپ،
سۈكۈت دېگەن گۈلنى ئويناپ ئولتۇرۇپ.
يۇلقىنىسەن مەندىن چىقىپ كەتمەككە،
تىت-تىتلىقىڭ چەكسىزلىككە سوزۇلغان.
چېچى چۈشۈپ كېتىۋاتقان بىر تۈپ دەرد،
قار ياققاندا سېنى كۆرۈپ بۇزۇلغان.
كەچمىشلەردىن تاقلاپ ئۆتۈش بىھاجەت،
بىز ئىككىمىز شۇ دەريادا چۆمۈلگەن.
ھېكايىسى لاتاپەتلىك ئۆتمۈشنىڭ،
شاماللارنىڭ ئارىسىغا كۆمۈلگەن.
قىستىلىشقا سىزىپ پۈتۈن كېچىنى،
سېغىنىشتىن ئەپ قاچىسەن كۆزۈڭنى.
كۈتۈشلەردە پورەكلىدى ھارغىنلىق،
سېنى سۆيۈپ ئازابلايمەن ئۆزۈمنى.
ھېچنىمىگە ئېڭىشمىدى ئىنتىلىش،
ئۈزۈن بولدى گۈلخان بولدۇق ھاۋادا.
قۇياش قانداق نۇر چاچىدۇ تۇپراققا،
بىز ئىككىمىز سۆيۈشمىسەك ناۋادا.