خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، ئىمتىھان مەيدانىدىن چىققان، شىنجاڭ ئەدلىيە - ئوفىتسېرلا مەكتىپىنى ئەمدىلا پۈتتۈرگەن ئابدۇ قادىر خۇشال ھالدا: «بۇ يىل مېنىڭ تۇنجى قېتىم مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىم، ئۆزۈمگە مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر كىشىلىك خىزمەتكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن» دېدى. 11-، 12-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 151 مىڭ ئوقۇغۇچى ئاپتونوم رايونىمىز تەشكىللىگەن مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتناشتى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىيەتتىن ئاشكارا 7320 نەپەر مەمۇر خادىم، «بوغدا پىلانى»غا 2530 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىدۇ. بۇ قېتىملىق ئىمتىھان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 15 ۋىلايەت ئوبلاستتا ئىمتىھان مەيدانى تەسسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر قايسى جايلاردا 115 ئىمتىھان نۇقتىسى، 5250 ئىمتىھان مەيدانى تەسسىس قىلىنغان. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
مەنبە: http://uyghur.people.com.cn/156325/15520779.html