. بۈگۈنكى ئۆگىنىش، خىزمەت، ئوقۇش ،تۇرمۇش رېتىمى ئۆزلۈكسىز تېزلىشىۋاتقان بىسىم ئىغىرلاۋاتقان دەۋردە بولسا، ئادەملەر جىسمانىي جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى پىسخىكىلىق جەھەتتىن چارچاپ قالىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن پىسخىكىلىق چارچاش «يوشۇرۇن قاتىل» سۈپىتىدە ئادەملەرنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئەلۋەتتە، بۇ خىل چارچاشنى تۈگىتىش ئۈچۈن، پىسخىكىمزنى ئاسرىشىمىزغا ۋە ئۇنى تەڭشىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ.
سىز چارچىدىڭىزمۇ؟ ئۆزىڭىزنى سىناپ بېقىڭ.
ئادەملەر چارچىغاندا سېگنال بېرىدۇ، بۇ سېگنال ئارقىلىق چارچىغان ياكى چارچىمىغانلىقنى ئۆلچەپ چىققىلى بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئۆزىنى سىناش ئۈچۈن تۆۋەندىكى 20 خىل ئەھۋالنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بەردى. قايسى ئەھۋال سىزدە مەۋجۇت بولسا «توغرا» بەلگىنى قويۇڭ.
1.ئەتتىگىنى ھورۇنلۇق قىلىپ، ئورنىڭىزدىن تۇرغۇڭىز كەلمەيدۇ.
2.ئاپتۇبوس كەلسە يۈگۈرۈپ چىققۇڭىز كەلمەيدۇ.
3.پەلەمپەيگە چىققاندا پۇتىڭىزنى ئاران يۆتكەيسىز.
4.رەھبىرىڭىز ياكى تونۇمايدىغان ئادەملەر بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىمايسىز.
5.ماقالە يازغاندا ياكى دوكلات بەرگەندە، داۋاملىق خاتالىق كۆرۈلىدۇ.
6.گەپ قىلغاندا ئاۋازىڭىز ئىنچىكە ھەم قىسقا.
7.باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشنى خالىمايسىز.
8.داۋاملىق خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ قالىسىز.
9.كۆپ چاي ئىچىسىز.
10.مايلىق نەرسىلەرنى يىگۈڭىز كەلمەيدۇ.
11.لازا سېلىپ تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرىسىز.
12.قول-پۇتلىرىڭىز قېتىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز.
13.كۆزىڭىزنى ئاچالماي قالىسىز.
14.داۋاملىق ئەسنەيسىز.
15.يېقىن دوستىڭىزنىڭ تېلىفون نۇمۇرىنى ئەسلىيەلمەيسىز.
16.پۇتىڭىزنى ئۈستەلنىڭ ئاستىغا سۇنۇپ ئولتۇرغىڭىز كېلىدۇ.
17.ھاراق، تاماكىغا ئالاھىدە ئامراق.
18.سەۋەبسىز سەمىرىپ ياكى ئورۇقلاپ كەتتىڭىز.
19.ئوڭايلا ئىچىڭىز سۈرۈپ قالىدۇ، ياكى قېتىپ قالىدۇ.
20.ئۇيقۇڭىز كېلىدۇ، بىراق كارىۋاتقا چىقسىڭىز ئۇخلىيالمايسىز.
سىزدە يۇقىرقىلاردىن قانچىسى بار ئىكەن ...