شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
1. كۈدە يىلتىزنى سوقۇپ، شىرنىسىنى ئېلىپ سوغۇق قايناقسۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
2. 30 گرام كىرپە تېرىسىنى كۆيدۈرۈپ، تالقانلاپ ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن قايناقسۇ بىلەن ئىچسە، قان قۇسۇش قان تۈكۈرۈشكە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
3. تاۋۇز ئۇرۇقىنىڭ شاكىلغا ئازراق ناۋات قوشۇپ قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋەتكەندىن كېيىن ئىچسە، ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
4. كاۋا ساپىقىدىن تۆتنى ئېلىپ قاينىتىپ، ئۇدا 3-4قېتىم ئىچىپ بەرسە، قان تۈكۈرۈشكە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
5. ئانارنىڭ يىلتىزىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۆكرەككە چاپسا قان تۈكۈرۈشكە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
6. قۇرۇق ئۈزۈم بىلەن سېرىق ماينى ئۆچكە سۈتىدە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
7. توزغاقنى تۆمۈر قاچىغا سېلىپ كۆيدۈرۈپ،كۈلىدىن بىر سىقىم سوۋۇغان قايناقسۇغا سېلىپ ئىچىپ بەرسە، ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
8. ئانار گۈلى گۈلقەنتىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قان توختايدۇ.