تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ھەقسىز ئوقۇيدۇ

يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە كىرىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە. بىراق ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئۇقۇش پۇلى مەسىلىسىدە غەم قىلماقتا. گەرچە ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بىلەن ئوقۇسىمۇ، قەرز ئۇلارنىڭ كاللىسىنى قاتۇرماقتا. 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا بۇ ئەھۋالنى ھەل قىلىش چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بىرىنچى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش مەزگىلىدىكى ئوقۇش ياردەم قەرز ئۆسۈمىنى مالىيە تولۇقلاپ بېرىدۇ. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەرزنى قايتۇرۇش مۇددىتى ئىچىدە ئىلمىي ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن داۋاملىق ئوقۇۋاتقان ياكى ئوقۇش مەزگىلىدە كېسەل سەۋەبىدىن مەكتەپتىن ۋاقتىنچە توختىغان بولسا يەنە تولۇقلىما تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئىككىنچى، ئوقۇش ياردەم قەرزىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن قايتۇرۇش مۇددىتى ئەسلىدىكى 10 يىل ۋە 14 يىلدىن بىر تۇتاش 20 يىلغا ئۇزارتىلدى. كەڭچىلىك قىلىش مۇددىتى ئەسلىدىكى 2 يىلدىن 3 يىلغا ئۇزارتىلدى. كەڭچىلىك قىلىش مۇددىتىدە ئۆسۈمنىلا قايتۇرسا بولىدۇ، قەرز سوممىسىنى قايتۇرۇش ھاجەتسىز. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوقۇش ياردەم قەرزىنى ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتى ئاددىيلاشتۇرۇلدى. ئۈچىنچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەرز قايتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى قۇرۇپ چىقىش، كېسەل سەۋەبىدىن ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان، ئائىلىسىدە كېلىشمەسلىك يۈز بەرگەن، ئوقۇش ياردەم قەرزى ئالغان، مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم قەرزى ۋە ئۆسۈمنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. چەت-ياقا رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرزىنى ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيە ئورۇنلىرى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەر دەرىجىلىك مالىيە ئورۇنلىرى يىللىق خامچوتتا دۆلەتلىك ئوقۇش ياردەم قەرز ئۆسۈمى ۋە خېيىم-خەتەر تولۇقلىما پۇلىنى يېتەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز