شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
1. ئاياللار كېسەللىكلىرى. تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىمنىڭ ئېشىپ كېتىشى ئاياللارنىڭ نورمال دەم ئېلىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ يېمەك -ئىچمەك ئادىتىدە بىنورماللىق كۆرۈلۈپ، ئاياللار كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، كۆپلىگەن ئاياللار بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن ئۆزى خالىغان دورىلار بىلەن ساقايماقچى بولىدۇ، ئاخىرىدا كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ، شۇڭا چوقۇم دوختۇرخانىدا سىستېملىق داۋالىنىش كېرەك.
2. بالىياتقۇ ئۆسمىسى. تەرتىپسىز بولغان تۇرمۇش، خىزمەت ئادىتى، قارىغۇلارچە ئورۇقلاش قاتارلىقلار ھورمۇننىڭ نورمال بولغان ماددا ئالمىشىشنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بالىياتقۇ ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاياللار ھەيز بىنورماللىقى، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، بەل، قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى بايقىغان ھامان دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك.
3. ھەيز بىنورمال بولۇش. ھەيىز بىنورمال بولۇش ئەھۋالى داۋاملاشسا چوقۇم بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، ۋاقتىدا داۋالاش كېرەك.
4. سۈت بېزى راكى. خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى ناچار كەيپىيات، ئۇيقۇسىزلىق، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىقلار ئاسانلا سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل ھېسابلىنىدۇ.