‹‹ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ›› دېگەن ماقال – تەمسىل بەزى چاغلاردا ئىشلىرىمىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك، كۈتكىنىمىزدەك بولماي قالىدىغانلىقىنى، يەنى ئىشەنگەن، ئۈمىد كۈتكەن كىشىلىرىمىزنىڭ ھالقىلىق پەيتتە دېگەن يېرىمىزدىن چىقالماي قالغانلىقىغا قارىتا يەكۈنلەنگەن بولسا كېرەك.
خىزمەت، ئەمەلىي تۇرمۇش، كەسپىي ئالاقە، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت جەريانىدا ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن كىشى بىلەن زىچ ئالاقە، قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىمىز. بۇ كىشىلەر ئىچىدە ئۇرۇق – تۇغقان، قوشنا – قولۇم، دوست – بۇرادەر، خىزمەتداش، يۇرتداش، ساۋاقداشلار بولىدۇ. مۇناسىۋەتنىڭ دەرىجىسى ۋە ئىزچىللىقى كونكرېت ئەھۋالغا ماس ھالدا بىر – بىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ .
ھاياتلىق داۋامىدا مەيلى قايسى جەھەتتىن بولسۇن، بىرەرسىگە ھاجىتىم چۈشمەيدۇ دەپ ئېيتالمايمىز. چۈنكى ئەمەلىي تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش، ئىجتىمائىي ئالاقە جەريانىدا تۈرلۈك توسالغۇلارغا ئۇچراپ تۇرىمىز، قىيىن ئۆتكەللەرگە دۇچ كېلىمىز. بۇنداق چاغدا قىيىنچىلىق ۋە ئېھتىياجىمىزنى ئالاقىمىز قويۇق، كۆڭلىمىزدىكى كىشىلەرگە، ھەتتا ئۇرۇق – تۇغقانلارغا ئوچۇق – ئاشكارا دېمىگەن تەقدىردىمۇ، ‹‹ئەھۋالىمىزنى بىلگەندىكىن قاراپ تۇرمايدىغۇ›› دەپ، ئۇلارغا ئىشەنچ باغلاپ سۈكۈت ئىچىدە كۈتسەك، ئۈمىدلەنسەك، يەنە قىسمەن چاغلاردا مۇھىم بولغان كونكرېت ئەھۋاللارنى ئىشەنگەن، ئۈمىد باغلىغان يېقىنلىرىمىزغا ئوچۇق – ئاشكارا ئېيتىمىز، تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىمىز، ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى ئۆتۈنىمىز. بىراق مەيلى كونكرېت ئېھتىياجىمىز بولسۇن ياكى روھىي جەھەتتىكى ئىنتىزارلىقىمىز بولسۇن كۆپ ھاللاردا ئويلىغىنىمىزدەك، كۈتكىنىمىزدەك، ئارزۇلىغىنىمىزدەك بولسىمۇ، لېكىن بەزى چاغلاردا ئۇنداق بولماي قالىدۇ. مانا مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا ئەڭ ئاقىلانە بولغان ئۇسۇل بەك ئۈمىدسىزلىنىپ، ئارتۇقچە ھار ئېلىپ كەتمەسلىك، كەڭ قورساق بولۇپ سوغۇققانلىق بىلەن مەسىلىلەرنى توغرا يۆنىلىشتە تەھلىل قىلىش، چۈشىنىش كېرەك. سىز كونكرېت ئىشلارنى ھاۋالە قىلغان بولسىڭىز قارشى تەرەپنىڭ شارائىتى، قابىلىيىتى، مۇناسىۋىتى بار تۇرۇپ بېجىرىپ بەرمىدى، دەپ ئاغرىنسىڭىز بولمايدۇ. چۈنكى قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالى شۇ ۋاقىتلاردا بەلكىم سىز ئويلىغاندەك بولماسلىقى، ئۆزىگە تۇشلۇق دەردى، قىيىنچىلىقى بار بولۇشى ۋە ياكى سىزگە لەۋزى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشتىن بۇرۇن ئالدىراپ زورۇقۇپ كېتىشىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق. بۇنىڭلىق بىلەن شۇ يېقىنلىرىڭىزدىن ئاغرىنىپ، ئېجىل – ئىناق مۇناسىۋىتىڭلارغا دەز كېتىدىغان، قىيداپ يۈرىدىغان ئەھۋاللاردىن ئۆزىڭىزنى يىراق تۇتۇڭ.
نۆۋەتتىكى جىددىي تۇرمۇش رىتىمى، رىقابەتكە تولغان خىزمەت ۋە ئىش ئورنى، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ مۇرەككەپلىشىۋاتقان بىلىم قۇرۇلمىسى جەمئىيەتتىكى ھەر قانداق بىر نورمال كىشىنىڭ قەدەملىرىنى تېزرەك ئېلىشىغا، نەزەرىنى يىراققا تىكىشكە، ئۆزى توغرىسىدا كۆپرەك مۇلاھىزە قىلىشقا ئۈندىمەكتە. شۇڭا ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئىنچىكە، ئەستايىدىل، پۇختا قىلىش بىلەن بىللە، بىر – بىرىمىزگە بولغان كۆيۈنۈشنىڭ، مېھىر – مۇھەببەتنىڭ كۈنسايىن كېڭىيىۋاتقانلىقىغا، چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىغا، مۇناسىۋەتلەرنىڭمۇ قويۇق، سەمىمىي بولۇۋاتقانلىقىغا ئىشەنسەك، ئاندىن تۇرمۇشقا، ئۆزئارا مۇناسىۋەتكە، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە توغرا مۇئامىلىدە، ساغلام پوزىتسىيەدە بولالايمىز. شۇنداق قىلغاندىلا بىھۇدە ئاغرىنىش، ئارتۇقچە ئۈمىدسىزلىنىشلەردىن مۇستەسنا بولالايمىز.
تۇرسۇن كېرىم قارچۇق