ئۇزۇن مۇددەت تويۇنۇپ غىزالىنىش
ھازىرقى زامان ئوزۇقشۇناسلىق ئىلمىدە بايقىلىشىچە، تاماق يەپ تويۇنغاندىن كېيىن چوڭ مېڭىدىكى بىخ تالا ھۈجەيرىسى ئۈسۈكچە پاكتورىنىڭ ئىقتىدارى كۈچىيىپ كېتىپ، قىل قان تومۇرلارنىڭ ئىندوتېلىيە ھۈجەيرىسى بىلەن ياغنى كۆپەيتىۋەتكەنلىكتىن، ئارتېرىيە تومۇرىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا ئۇزۇن مۇددەت تويۇپ غىزالانغاندا، جەزمەن نېرۋا ئارتېرىيەسىنىڭ قېتىشىشى كېلىپ چىقىپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارى بالدۇرلا چېكىنىپ كېتىدىكەن.
ئەتىگەنلىك تاماققا سەل قاراش
ئەتىگەنلىك تاماق يېمىگەن كىشىنىڭ قان شېكىرى تۆۋەنلەپ، بەدەننى نورمال قەنت بىلەن تەمىنلىشى تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن، چوڭ مېڭىنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرسىز بولىدىكەن، بۇ خىل ئادەت ئۇزاققا سوزۇلسا چوڭ مېڭىگە زىيانلىق ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارى ئەقلى ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئادەتتە يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ناشتىلىق قىلغان بالىلارنىڭ دەرسخادىكى تەپەككۈرى ئۇزاققىچە ياخشى بولىدىكەن. بىراق دانلىق ئاشلىق بالىلارنىڭ كەيپىياتى بىلەن زېھنى كۈچىنى تۈۋەنلىتىۋېتىدىكەن.
تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتسە
تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتكەن بالىلارنىڭ كۆپ ھاللاردا ئەقىل بۆلۈنمىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدىكەن. چۈنكى بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئۈسۈشى يېمەك-ئىچمەكتىكى ئاقسىلنىڭ سۈپىتى ۋە ۋىتامىنلارنىڭ تولۇق بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تاتلىق يېمەكلىك بالىلارنىڭ ئىشتاھاسىنى تۇتۇۋالىدۇ. يۇقىرى ئاقسىللىق ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ئورگانىزىملارنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىشىنىڭ سەۋەبى بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۇيقۇ يېتەرسىز بولۇش
چوڭ مېڭىنىڭ ھارغىنلىقىنى تۈگىتىشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى __ قېنىپ ئۇخلاش. ئۇزۇن مۇددەت قېنىپ ئۇخلىمىسا ھەم ئۇيقىنىڭ سۈپىتى ناچار بولسا، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ چېكىنىشىنى تېزلەشتۈرۈۋېتىپ، ئەقىللىق كىشىلەرنىمۇ گالۋاڭلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.
ئاز گەپ قىلىش
چوڭ مېڭىدە مەخسۇس تىل -تاۋۇش رايونى بولۇپ، كۆپ سۆزلەش چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدىكەن. سۆزنىڭ مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇپ، پەلسەپەۋىيىلىكى ۋە لوگىلىكىقى بىر قەدەر كۈچىيىدىكەن. كۆپ گەپ قىلمايدىغان،جىمغۇر كىشىلەرنىڭ بەك ئەقىللىق بولۇشى ناتايىنكەن.
بۇلغانغان ھاۋا
چوڭ مېڭە پۈتۈن بەدەندىكى ئوكسىگېننى خورىتىدىغان ئەڭ چوڭ ئەزا بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر مىنۇتتا 500--600 لىتىر ئوكسىگېن سەرپ بولىدىكەن، پەقەت يېتەرلىك ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەنگەن چوڭ مېڭىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى كۈتۈرۈلىدىكەن. شۇڭا بالىلارنىڭ مېڭە ئىشلىتىش ۋاقتىغا، ئۆگىنىش مۇھىتىنىڭ ھاۋا تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەككەن.
مېڭە ئىشلىتىشنى خالىماسلىق
پىكىر يۈرگۈزۈش چوڭ مېڭىنى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. كۆپرەك كاللا ئىشلىتىش، پات-پات پىكىر يۈرگۈزۈش ئادەمنى ئەقىللىق قىلىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا چوڭ مېڭىنىڭ چىكىنىشىنى تېزلىتىپ، ئەقىللىق كىشىلەرنىمۇ دۆتلەشتۈرۈۋېتىدۇ.
كېسەل تۇرۇپمۇ مېڭە ئىشلىتىش
بىتاپ ياكى ئاغرىق بولۇپ قالغاندا، زورمۇزور ئۆگىنىش ۋە خىزمەت قىلغاندا، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، چوڭ مېڭە ئاسانلا زىيانغا ئۇچرايدۇ.