تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئۆيگە چىراق ئورناتقاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

كۆپلىگەن كىشىلەر يورۇتۇش ئەسۋابلىرى ۋە چىراق تاللىغاندا، كۆپىنچە ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇشنى چىقىش قىلماي، رەڭدار چىراغلارنى ئورنىتىپ رومانتىكىلىق ۋە ھەشەمەتچىلىكنى قوغلىشىدۇ. بىلىش كېرەككى، رەڭلىك چىراغ نۇرى كۆرۈش قۇۋىتىگە زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، چوڭ مېڭە مەركىزىي ئالىي نېرۋىسىنىڭ ئىقتىدارىنىمۇ زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

    تېببىي مۇتەخەسسىسلەرىنىڭ قارىشىچە، يېقىننى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى كۆز ئىشلىتىش ئادىتىدە ئىپادىلەنمەستىن، بەلكى كۆرۈش مۇھىتىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدىكەن. مۇھىت ئاسرايدىغان، ساغلام، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ۋە ئازادە‹‹زىيانسىز يورۇقلۇق مۇھىتى›› يارىتىش ئۈچۈن، كۆركەم، بىخەتەر، تېجەشلىك بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشتىن باشقا، مۇنداق بىرقانچە نۇقتىنى ئويلىشىش كېرەك.

    ئوخشىمىغان بوشلۇق، سورۇن ۋە ئوبيېكتقا نىسبەتەن ئوخشىمىغان يورۇتۇش شەكلى ۋە چىراق تاللاش ھەمدە يورۇتۇش دەرىجىسى مۇۋاپىق بولۇش لازىم. مەسىلەن، ياتاق ئۆيگە ئىللىق، رومانتىكىلىق تۇيغۇ بېرىدىغان؛ كىتابخانا ۋە ئاشخانىغا يورۇتۇشى كۈچلۈكرەك بولغان؛ تازىلىق ئۆيىگە يورۇتۇشى سۇسراق بولغان چىراغلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم.

    چىراغ نۇرى ۋە يورۇتۇش ئەسۋابلىرىنى تاللاش، لايىھىلەشتە مۇنداق نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش: بىرىنچىدىن، زىننەت چىراغلار بىلەن ئۆي جاھازىلىرىنى ماسلاشتۇرۇش؛ ئىككىنچىدىن، ئۆي ئىچىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى، ئېگىزلىكى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن چىراقنىڭ چوڭلۇقى، تۈرى ۋە سانىنى تاللاش؛ ئۈچىنچىدىن، رەڭنىڭ ماسلىشىشىغا يەنى سوغۇق رەڭلەر بىلەن ئىللىق رەڭلەرنى ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش لازىم.

    كۆزنى چېقىشتىن ساقلىنىش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش. يورۇقلۇق مەنبەسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يورۇقلۇقنىڭ چۈشۈش يۆنىلىشىنى ۋە كۈچلۈك- ئاجىزلىقىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، يورۇقلۇقنىڭ بىۋاستە كۆزگە چۈشۈشىدىن ساقلىنىش، يورۇتۇش ئەسۋابىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، چىراغ نۇرىنىڭ بىردەم كۈچىيىپ، بىردەم خىرەلىشىدىن ياكى بەك چاقناپ كېتىشىدىن ساقلىنىش لازىم.

ـــ ماتېرىيالدىن

مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/29/content_494439.htm

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز