ئانا تىلىم
ئابدۇرېھىم زۇنۇن
ئانا تىل ــ گۆھەر تىلىم، ھەسەل ــ تىلىم،
قەدرىڭگە ئەجەب بالدۇر يەتمەپتىمەن.
بىلمىگەچ نادانلىقتا قىممىتىڭنى،
ئۆمۈرلۈك تىلتۇمارىم ئەتمەپتىمەن!
ئۆرتەنگەن چاغدا يۈرەك «ئاھ، ئىسىت!» دەپ،
پۇشايمان يەپ، چىشلىدىم بارمىقىمنى.
سۆزلىدىم قۇش تىلىدا، سېنى تاشلاپ،
ئۇنتۇماق بولدۇم ئۇلۇس، ئايمىقىمنى...
نەپرەتكە كۆمدى كىملەر، قارغىش ئالدىم،
ئەركىمنى بوغقاندا بۇ گاجگۇن پەلەك.
باغلىدى «ئۆيگە...» دېگەن تىلىمغا ئات،
تىتىلىپ تىلىم-تىلىم بولدى يۈرەك.
قىسمىتىڭ ياكى شۇنداق تەتۈرمىدى،
يا مېنىڭ قۇت-تەلەيىم شورلۇقمۇ بەك؟!
دەيتۇققۇ: «ئىپادىلىك تىل بۇ» سېنى،
نە ئۈچۈن بۈگۈن ساڭا قويۇلدى چەك؟
※ ※ ※ ※ ※
خىيالىم تىزگىنىنى قويۇپ بەردىم،
تارىخنىڭ سەمەرىلىك بەتلىرىگە.
پۈتۈلدى ئىزىم قۇرغا شان-ئۇتۇقتىن،
سىن بەردى ئۇنىڭ ئورۇق ئەتلىرىگە.
شۇ قۇرلار بەردى ماڭا قۇدرەت، كامال،
ئاڭلىدىم بوۋايلاردىن لەۋزى ھېكمەت.
تەختىمدە بىر ئۆزۈڭ شاھ سەلتەنەتلىك،
سەن بىلەن تاپتىم يۈكسەك قەدىر-قىممەت.
تۈگۈچلەر تېپىپ سەندە تەبىر-يەشمە،
ھېكمەتلەر دىل قېتىمغا ئويۇلدى چىڭ.
رەقىپلەر يۈرىكىدىن تېشىپ تەشمە،
يەتكۈزدۈڭ قېرىنداشقا ھىممەت مىڭ-مىڭ.
ھىممىتىڭ، قۇدرىتىڭدىن قىممەت تېپىپ،
ياماشتىم شان-زەپەرلەر داۋانىغا.
كۈنسېرى چىڭىپ باردى قانات-بازىم،
شۇڭغۇدۇم يىتۈكلىكنىڭ پايانىغا.
قېنىم سەن، تومۇرۇمدا ئېقىۋاتقان،
سۆيگۈمدۇر ئۆركەشلىگەن سەل-قىيانى.
ئويۇلدى سەندە قەلبىم بەتلىرىگە،
ئەل-يۇرتنىڭ قان-ياشلىق ھەر دەرد-پىغانى.
ھەر ئۈگە، ھۈجەيرەمگە سىڭىپ كەتتىڭ،
قىلمايمەن بىر سېنى تەڭ ھېچنېمىگە.
سەن كېپەك ئالتۇن كەبى چېچىلغاننى
جەم قىلدىڭ ھەم چىقاردىڭ بىر كېمىگە...
قەدرىڭگە يەتتىم قەدرىڭ ئۆتۈلگەندە،
ھەممىدىن تىلىم ــ مۈلكىم يۈكسەك،-دېدىم.
ئۇلايدۇ دىلنى دىلغا تۇتاشتۇرۇپ،
كۆڭۈللەر قېتىغا چىڭ پۈكسەك،-دېدىم.
مەنبە: مائارىپچىلار مۇنبىرى