ئاشىقسىز مەشۇق
نەسىر
جۇدالىقنىڭ دەردىنى ئۆمۈر بويى ساقلاش بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرلا ھېس قىلالىغاندەك، ئاشىقسىز مەشۇق بولۇشنىڭ قەدرىنى، ھەقىقىي مەنىسىنىمۇ چىن سۆيگۈ ئۈچۈن بارلىقىنى ئادا قىلالايدىغانلار، ئاشىقى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ۋاپادارلىقنى يەتكۈزەلەيدىغانلارلا چۈشىنەلىشى مۇمكىن.
سەن ئۇنى سۆيەتتىڭ، ئۇنى ھاياتىڭنىڭ بارلىقى دەپ بىلەتتىڭ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوتقا، سۇغا كىرىشكىمۇ رازى ئىدىڭ، ئۇ تۇرمۇشۇڭدا پەيدا بولغاندىن كېيىن مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلغانىدىڭ. گەرچە ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن مۇھەببەتلىك شۇ كۈنلىرىڭ تولىمۇ قىسقا، چەكلىك بولسىمۇ، ئۇنىڭ ساڭا قالدۇرغان مۇھەببىتى بىر ئۆمۈر ئەسلىشىڭگە يېتەرلىك ئىدى، كىم ئويلىسۇن؟ جاھاننىڭ تەتۈرلۈكىمۇ ۋە ياكى پېشانەڭگە پۈتۈلگىنى شۇنداقمۇ، تەتۈر پەلەك ئۇنى يېنىڭدىن تۇيۇقسىزلا ئېلىپ كەتتى. بۇ چۈشۈممۇ، ئوڭۇممۇ دەپ بولغۇچە، ئۇنىڭ سېنىڭدىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقىنى رېئاللىققا ئايلىنىپ، تەقدىرگە تەن بېرىشكە مەجبۇر بولدۇڭ، يىغلىدىڭ، قاقشىدىڭ، زارلاندىڭ، گاھ تەقدىرنىڭ رەھىمسىزلىكىدىن، گاھ ئۆزۈڭنىڭ شور پېشانە ئىكەنلىكىڭدىن ئۆكۈندىڭ، نە چارە؟
ئىشلار شۇ پېتى، ئۆز رېتى بويىچە كېتىپ باراتتى. بەزىدە تەقدىرگە تەن بەرمەكچى بولاتتىڭيۇ، يەنىلا تۇرۇپلا مۇشۇنداق ئويلىغىنىڭ ئۈچۈن ئۆز-ئۆزۈڭدىن نومۇس قىلىپ كېتەتتىڭ. يىللار بىرى-بىرىنىڭ كەينىدىن قوغلىشىپ، ساڭا نۇرغۇن يالدامىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى.
چىرايىڭى سارغايدى، ياشلىقىڭنى ئىنكار قىلىدىغان يول-يول قورۇقلار كۆز ئەتراپىڭدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى، سەن نەچچە يىل كېسەل تارتقان ئادەمدەك ھازىرقى تۇرقۇڭ يېشىڭدىن تامامەن ھالقىغان ھالدا، ساڭا قىلچىمۇ ماس كەلمەيتتى. سەن كۈتتۈڭ، شۇ كۈتۈش بىلەن يىللاردىن بېرى ئۆز-ئۆزۈڭنى بەزلەپ، كۆڭلۈڭنى خۇش قىلىپ كەلدىڭ، سەن يەنە كۈتۈشنى ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويغىنىڭ يوق، يەنە ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرغىچە مۇھەببىتىڭنى قەلنىڭنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا پىنھان ساقلاش ئارقىلىق يەنە كۈتمەكچىسەن! كۈتكىن، ئىلاھىم مۇشۇ كۈتۈش يولۇڭدا ئارزۇلىرىڭ رېئاللىققا ئايلىنىپ، ئاشىقىڭنى يەنە بىر قېتىم ئۇچرىتىشىڭغا چىن مۇھەببەت ئىگىلىرى بولغان ھەممىمىز تىلەكداشمىز.