تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئالدى بىلەن روھىي ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. چۈنكى روھىي ساغلاملىق مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئادەم قانچە ئازابلانسا، قايغۇرسا، ئاچچىقلانسا، كەيپىياتى تۇراقسىز بولسا، مېڭە ھۇجەيرىلىرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ. شۇڭا روھىي ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ مۇھىم.

مېڭىنى ئىشلىتىپ تۇرۇش لازىم. مېڭىنى ئىشلەتمىسە قاتماللىشىپ كېتىدۇ. ئىشلىتىپ تۇرسا نېرۋا ھۇجەيرىلىرىنىڭ بالدۇر قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇڭا كىتاب ئوقۇپ، شېئىر يادلاپ، يېڭى شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.

چېنىقىپ تۇرۇش لازىم. چېنىقىشنىڭ بەدەنگە بولۇپمۇ چوڭ مېڭىگە پايدىسى كۆپ. چېنىققاندا قان ئايلىنىش راۋانلىشىپ مېڭىنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشى ياخشى بولۇپ، كەيپىيات ياخشىلىنىدۇ.

دەم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. چارچىغاندا دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىش، چېنىقىش، مۇزىكا ئاڭلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مېڭىنىڭ چارچىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. تۇخۇم، يەر ياڭىقى، پۇرچاق، ياڭاق، بېلىق، كالا، قوي گۆشلىرى قاتارلىق تەركىبىدە ئاقسىل ماددىسى مول يېمەكلىكلەر بىلەن تەرخەمەك، پەمىدۇر، سەۋزە، كۆممىقوناق قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن B1 كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك، ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىپ، يۇقىرى قان بېسىمى، تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى، قان تومۇرقېتىشىش كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.مۇۋاپىق ئۇخلاش لازىم. چارچىغاندا قېنىپ بىر ئۇخلىغاندا، مېڭە ياخشى ئارام ئالىدۇ. شۇڭا مۇۋاپىق ئۇخلاشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىم مۇھىم. ئۇنىڭدىن باشقا چارچىغاندا قەھۋە ئىچمەسلىك لازىم، قەھۋە مېڭىنى غىدىقلاپ ئادەمنى تېخىمۇ چارچىتىۋىتىدۇ.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-03/15/content_509930.htm 




ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز