iOS7 دا زور بىخەتەرلىك يوچۇقى بايقالدى
- 21-ئەسىر پەن-تېخنىكىسىنىڭ 7-ئاپرېل خەۋىرى: Find My iPhone ئابونېنتلارغا ياردەملىشىپ يانفوننىڭ ئورنىنى بەلگىلەيدىغان بىر تۈرلۈك ئىقتىدار بولۇپ، مەزكۇر ئىقتىداردىن مۇۋاپىق پايدىلانغاندا ئوغرىلانغان يانفونلارنى قايتۇرۇۋېلىشنى كاپالەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.
بىراق، چەتئەل مېدىيەلىرى ئاشكارىلىغان بىر تۈرلۈك iOS7 يوچۇقى كىشىلەرنىڭ مەخپىي نومۇردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ Find My iPhone نى بىۋاسىتە ئىتىۋېتىشىگە يول قويغان، ھەتتا يانفوننى ئۈزۈل-كېسىل قايتا لايىھىلىيەلەيدىكەن.
ئالما يانفونى ئوغرىلار كۆز تىكىۋاتقان نىشانغا ئايلانغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە نيۇيورك ساقچى ئىدارىسى يېقىندا كۆرسىتىشىچە، ئالما ئەسلىھەلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوغرىلىق دېلولىرى دائىم يۈز بەرگەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلى جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەبكە ئايلانغان.
نۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتۇپ، كىشىلەر ئالمىنىڭ Find My iPhone قاتارلىق يوقىغان ۋە ئوغرىلانغان يىغىۋېلىش سىستېمسىىنىڭ نېمىشقا مۇشۇنداق مۇھىملىقىنى ئويلاپ يېتەلەيدۇ.
بىراق، ئالما يانفونى ئوغرىلانغاندىن كېيىن، Find My iPhone قاتارلىق سىستېمىلار پەقەت بىر قانچە مىنۇت ئىچىدىلا بۇزىۋېتىلىدىكەن، بۇ زادى نېمە ئىش؟
بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، 7 iOS ۋە 7.1 iOS سىستېمىسىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم بىخەتەرلىك يوچۇقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، مەزكۇر يوچۇق بار بولغانلىقتىن، ئوغرىلانغان ئالما يانفونلىرىنى ئىز قوغلاشقا ئامالسىز قالغان.
YouTube ئابونېنتى مىگېل بىر پارچە ۋىدىئو ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ۋىدىئودا بىخەتەرلىك يوچۇقىنىڭ ئالما يانفونىغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن.
ئاساسىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوغرىلار بىرلا ۋاقىتتا Find My iPhone نىڭ يېنىدىكى ئالماشتۇرۇش كۇنۇپكىسى ۋەiCloud لايىھىلەش ئىقتىدارىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى Delete Account كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، يانفوننى ئىتىۋەتكەندە، قايتا قوزغالغاندىن كېيىن، ئوغرىلار ئالما يانفونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك iCloud ئاكونتىنى چىقىرۋېتەلەيدىكەن، بۇنىڭغا مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈشنى ھاجىتى يوق ئىكەن.
ئارقىدىنلا، مەزكۇر يانفوننى iTunes قا ئۇلاپ، بارلىق ئۇچۇرلارنى چىقىرىۋېتىپ قايتا ئىشلەتكەندە، ھېچقانداق مەسىلە پەيدا بولمايدىكەن.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئوغرىلار ئەسلىھەنىڭ لايىھىلەش كۆرۈنمە يۈزىنى زىيارەت قىلغاندىلا ئاندىن مەزكۇر يوچۇقتىن پايدىلىنالايدىكەن. شۇڭا PIN نومۇرى، مەخپىي نومۇر ياكى TouchID ئارقىلىق ئەسلىھەلەرنى قوغداش ناھايىتى مۇھىم.
تەرجىمىدە: ئاينۇر