بىز نېمىشقا قىزلارنى بۇزۇلۇپ كەتتى دەيمىز؟ نېمىشقا قىزلاردا ۋاپا يوق دەيمىز؟ نېمە ئۈچۈن قىزلار بىزگە ئىشەنچ ئاتا قىلالمايدۇ؟
بىز بۇ سۇئالنى قىزلاردىن سورىساق: ئوغۇللارنىڭ ساختا مۇھەببىتى، يالغان كۆيۈنىشى،ئالدامچىلىقى، كۈچلۈكلىكى بىزنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشىمىزگە سەۋەپ بولدى، شۇڭا بىز ۋاپاسىز، ئىشەنچىسىز ئاتىلىپ قالدۇق، بىز قىزلار تۇغۇلۇشىمىزدىنلا ئاجىز تۇرساق بىزدە نېمە ئامال دەپ جاۋاپ بېرىدۇ .
ئوغۇللاردىن سورىساق: بۇ قىزلارنىڭ نادانلىقى، ئەقىلسىزلىكى، مەسئۇلىيەتسىزلىكى، ئەخلاقسىزلىقى، پۇلدار يىگىتلەرگە ئامراقلىقىدىن، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرشىدىن بولدى، قانداق ئادەمنىڭ ئىگىسى قارشى تۇرمىغان باغدىن مىۋە ئۈزۈپ يىگۈسى كەلمەيدۇ. بۇ ئۆزىنىڭ شورى، ئەگەر قارشىلىق قىلسا بىز مەجبۇرلامتۇق دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. (باسقۇنچىلىق قىلغانلار بۇنىڭ سىرتىدا)
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، قىزلارنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئەسلى جاۋاپكارى زادى كىم؟ ئوغۇللارمۇ؟
ياق يەنىلا بۇ ئىشنىڭ ئەسلى جاۋاپكارى، بىر قىسىم نادان، ئەقىلسىز ، ئەخلاقسىز، قىزلارنىڭ ھامىلە چۈشۈرۈش، جىنسى يولنى تارايتىش، قىزلىق پەردە سىلىش ئىشلىرىنى مۇكەممەل قىلىدىغان ھەر قايسى دوختۇرخانىلارنىڭ بولغانلىقىدىن خاتىرجەم ھالدا قورقماس بولۇپ كەتكەن، روھى چىرىپ كەتكەن خىيانەتچى قىزلار.
يەنە شۇ بۇزۇقچىلىق قىلىپ ئويناپ-كۈلۈپ يۈرگەن، ئوغۇل-قىزلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ مەسئۇلىيتىمۇ ئېغىر، بۇنى كۆرگەن بەزى قىزلار، ئوغۇللارنىڭ جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلمەمدۇ؟ ئۇلار گۇناھسىزمۇ دېيىشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە ئوغۇللارنى گۇناھسىز دېمەكچى ئەمەسمەن، كونىلاردا (كىشىدىن ئاغرىنغان، ئۆزى ناداندۇر) دېگەن گەپ بار .
يىگانە تىمىسىدا بۇنىڭ سەۋەپچىسى يەنىلا بىز ئوغۇللار، قىزلار تۇغۇلىشىدىنلا ئىپپەتسىز، نۇمۇسسىز، بۇزۇق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئارىمىزدىكى بىر قىسىم ئوغۇللار قىزلارنى نامەرتلىك بىلەن ئىپپەتسىز قىلىپ قويىۋاتىدۇ دەپ يازغان.
مەن بۇ قاراشقا تۈپتىن قارشى، ئەگەر قايىل بولمىسىڭىز ھەرقانداق توي قىلماي ئىپپىتىنى يوقاتقان بىرسىدىن سوراپ بېقىڭ !قايسى بىرى مەجبۇرلانغان؟
سىز يەنە بىرەر قىزنىڭ چوڭ كوچىدا، كوچا ئاپتىبوسىدا، ئاشخانىدا، كىتاپخانىدا، راڭپىزا-خانا دېگەندەك، ھەر قايسى ئاممىۋى سورۇنلاردا ئىپپىتىنى يوقاتقانلىقىنى ئاڭلىغان؟
قايسى بىر نىيىتى بۇزۇلغان ئەبلەخنىڭ يۇقىرىدا ئىيتىلغان جايلاردا، بىرسىگە باسقۇنچىلىق قىلغىنىنى ئاڭلىغان ياكى كۆرگەن؟
ئەگەر ئۇلار ئاتالمىش كەلگۈسىدىكى ئېرىنىڭ كەينىگە كىرىپ كەچلىك تانسىخانا، مەيخانا، مىھمانخانىلارغا ۋە يىزا تۈسىنى ئالغان بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىكى ھەرقايسى سەيلىگاھلارغا بارمىغان بولسا ياكى ھەممە ئىش ۋاختىدا بولسۇن دەپ ئاشۇ مۇناسىۋەتنى ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلغان بولسا ئۇلارنىڭ ئىپپىتى يوق بولارمىتى؟ بۇزۇلۇپ كېتەرمىتى؟
ئەگەر يەنە قايىل بولمىسىڭىز، مەن دېگەندەك سىناپ بېقىڭ !
مەنبە : دوستلار چەمبىرىكى