بەدىنى ئاجىز ئاياللار دائىم ھاۋا تەڭشىگۈچ بار مۇھىتتا ئولتۇرغاندا، ھەيز قالايمىقانلىشىش، ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
بولۇپمۇ دائىم ئىشخانىدا ئولتۇرىدىغان ياش ئاياللار ئۇزاق مەزگىل ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ سوغۇق شامىلى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرسا، تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراپ، ھەيز قالايمىقانلىشىش، قورساق كۆپۈپ ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن.