تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
سەنئەت پەنلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى پەن تۈرى قىلىندى

بۇ يىل، سەنئەت پەنلىرى يېڭى قوشۇلغان پەن تۈرى سۈپىتىدە ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى پەن تۈرىگە رەسمىي كىرگۈزۈلدى، ئوقۇغۇچىلار مۇزىكا ۋە گۈزەل-سەنئەت تۈرىدىن خالىغان بىرىنى تاللىسا بولىدۇ.

3-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، «2015-يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى ۋە تولۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تارقىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» نى ئېلان قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە تەنتەربىيە ۋە سەنئەت ئىمتىھان تۈرىنىڭ نومۇرى 150 نومۇر، تەنتەربىيە 100 نومۇر، سەنئەت 50 نومۇر قىلىپ بېكىتىلگەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېرىشكەن نومۇرى ئومۇمىي نەتىجىسىگە ھېسابلىنىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ «سەنئەت ئىمتىھانى» ھەرقايسى ۋىلايەت ئوبلاستلاردىن كەڭ دائىرىدە پىكىر قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپ بېرىش بىلەن، سەنئەت ئىمتىھانىدا پەقەت گۈزەل-سەنئەت ۋە مۇزىكا ئىمتىھانى بولۇپلا قالماي، گۈزەل-سەنئەتنىڭ ئىچىدە يەنە خەتتاتلىق، رەسساملىق، تېز سىزما قاتارلىق نۇرغۇنلىغان باشقا سەنئەت تۈرلىرى بار ئىكەن. مۇزىكا چالغۇلار ئىچىدە مۇزىكا، ناخشىلىق مۇزىكا تۈرى قاتارلىقلار بار ئىكەن.

شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولغاچقا، نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس سەنئەت ئالاھىدىلىكى بار، بۇ سەۋەبتىن شىنجاڭ سەنئەت ئىمتىھانى پەن تۈرىدە ئۆز جايىغا قاراپ ئىش كۆرۈلىدۇ. يەنى ئوقۇغۇچىلار مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ئىشلىتىپ ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدۇ. بۇ شىنجاڭنىڭ سەنئەت ئىمتىھانىدىكى چوڭ يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىكەن.

ئەسلى مەنبەسى: ئۈرۈمچى تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز