ئەتىرنىڭ مۇھىملىقى بىر قۇر چىرايلىق كىيىمدىن قېلىشمايدۇ
ئەتىر ئۇ بىر نام كارتوچكىسى
ئۆزگىچە پۇرىقى بىلەن كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ
ئەتىرنى زادى قانداق چاچسىڭىز سىزنى تېخىمۇ مۇكەممەل، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىلىپ كۆرسىتىدۇ؟
ھازىر سىلەرگە تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى تەۋسىيە قىلىمىز!
1. بويۇننىڭ كەينى
ئەتىرنى بوينىڭىزنىڭ كەينىگە چاچسىڭىز، پۇرىقى تېخىمۇ ئۇزۇنغىچە تۇرىدۇ.
2. ئارقا بويۇن
ئارقا بوينىڭىزغا قويۇق ئەتىر چېچىۋالسىڭىز، سىز تېخىمۇ جەلبكار كۆرسىتىدۇ.
3. قولنىڭ بېغىشى ياكى جەينەكنىڭ ئىچكى تەرىپى
قولنىڭ بېغىشى ياكى جەينەككە ئەتىر چاچسىڭىز، پۇرىقى پۈتۈن بەدىنىڭىزنى بىر ئالىدۇ، قولىڭىزنى كۆتۈرسىڭىزلا ھەممە يەرنى خۇشپۇراق قاپلايدۇ.
4. پۇت ياكى ئوشۇقنىڭ ئىچكى تەرىپى
ئەتىرنى پۇت ياكى ئوشۇقنىڭ ئىچكى تەرىپىگە چاچسىڭىز، پۇرىقى تېخىمۇ ئۇزۇنغىچە تۇرىدۇ.
5. ئەتىر يامغۇرى
ئەتىرنى 45 گرادۇس يۇقىرى كۆتۈرۈپ ھاۋاغا چېچىپ، «ئەتىر يامغۇرىدا» مېڭىپ ئۆتسىڭىز، پۈتۈن بەدىنىڭىز خۇشپۇراققا تولىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش:
ئەتىرنى قولتۇققا بىۋاسىتە چاچماڭ، تەر پۇرىقى بىلەن قوشۇلۇپ بەدپۇي پۇراققا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئۇياتلىق يەرلىرىڭىزگىمۇ چاچماڭ، ئاسان يۇقۇملىنىپ قالىدۇ.
ئەتىرنى چېچىپ بولۇپ ھەرگىز ئۇۋىلىماڭ، بولمىسا ئەتىرنىڭ تۈزۈلۈش مولېكۇلاسىغا تەسىر يېتىپ، ئەتىر چاچقىنىڭىزنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.
ئەگەر ئەتىرگە بولغان چۈشەنچىڭىز چوڭقۇر بولسا، ئوخشىمىغان پۇراقلىق ئەتىر چېچىپ، ئۆزىڭىزگە خاس بولغان پۇراقنى نامايان قىلىڭ.