لىرىكا بالىسى
ئابدۇللا سۇلايمان
تېما يوللىغۇچىدىن:
ئابدۇللا سۇلايمان 1968- يىلى چىرا ناھىيە نۇرى يېزىسىنىڭ قاشيەر كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1990-يىلى 7-ئايدا خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، 2006- يىلىغىچە چىرا ناھىيە نۇرى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتىپىدە گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. كېسەل سەۋەبىدىن 2006-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان، ھازىرقى ئولتۇرقى خوتەن شەھىرىدە.
ئابدۇللا سۇلايمان 1986-يىلى شېئىر ئىجادىيىتىگە كىرىشكەندىن بۇيان، ھازىرغىچە 300 پارچىدىن ئارتۇق شىئىر، نەسىر ئىجاد قىلغان. بۇنىڭدىن بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن (خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدىكى تالانتلىق شائىر «ئابدۇللا سۇلايمان»دىن مەتبۇئاتتا ئۆز ئىسمىنى پەرقلەندۈرۈش يۈزىسىدىن، بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى فامىلىسىگە بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى ئىشلىتىپ «ئابدۇللا غوجىئەخمەت» دېگەن نامدا ئېلان قىلغان).
ئابدۇللا سۇلايمان ئاز يازىدىغان، ساز يازىدىغان، يازغان ئەسەرلىرىنى توم-توم خاتىرىلەرگە جۇغلاۋېرىششنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەسەرلىرى پىشمىغۇچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىشنى خالىمايدىغان مەسئۇلىيەتچان، ئىجتىھاتلىق ياش شائىر. ئۇنىڭ شېئىر، نەسىرلىرىدىكى مەزمۇن چوڭقۇرلۇقى، بەدىئىيلىك جەھەتتىكى پاساھەت، تۇرمۇش پۇرىقى ۋە يەرلىك پۇرىقىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. شائىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا ئىلھام-مەدەت بېرىش، داۋاملىق يېزىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش، يازغان ئەسەرلىرىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش مەقسىتىدە، مەن ئۇنىڭ «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم شېئىرلىرىنى ئوقۇرمەنلەر ھۇزۇرىغا سۇندۇم. ـــــ كامالىي ئېھتىرام بىلەن: تۆمۈر قادىرى
يالغۇز شائىر
1
دۈۋەت ئىچىگە قارايدۇ شائىر،
مۇزلاپ كەتكەن يىراق جىلغىدا.
ئۆمچىيىدۇ ئوماق مىسرالار،
قاقلىنىپ بارماقلاردىن
سىرغىپ چۈشكەن چىراغ نۇرىغا!
2
دۈۋەت ئىچىگە قارايدۇ شائىر،
ئۇندا بىر (ئاستا، بەك ئاستا)
مۇزىكا پارچىسى يايىدۇ يەلكەن.
ئۇچۇپ كېلىدۇ قىش قۇياشىدەك،
ئىپار بويلۇق ياقا يۇرتلۇق قىز،
ھەمراھ بولۇپ كەتكىلى،
قىش قوينىدىكى يالغۇز شائىرغا.
3
دۈۋەت ئىچىگە قارايدۇ شائىر،
قارايدۇ ئۇزاق...
بىردىنلا،
ئۆمۈچۈك بولۇپ يامىشار يېغا
تامنىڭ چاك-چاك سىزىقلىرىغا!.
چايقىلار ياپراقلار قىزىل نۇر ئارا
چايقىلار ياپراقلار قىزىل نۇر ئارا،
ئۇپۇققا تۇتاشقان زېمىن كۆكسىدە.
ئوينايدۇ قاقاقلاپ كاككۇك گۈللىرى،
ئېھتىمال تەبىئەت بولغان رەسىدە.
يۇيۇنۇپ قۇشقاچلار خۇشال كۈلكىدە.
كۈمۈش گۈل لېۋىدە يانغان تەبەسسۇم،
توپىلىق يوللارنى تۇرار يورۇتۇپ.
سارغايتىپ تولۇنئاي شەرقىي قىرغاقنى،
كۆتۈرۈلەر ئاسمانغا يۇلتۇز توزۇتۇپ،
شادىمان شاۋقۇنلۇق كۈندۈزنى يۇيۇپ.
قۇياشنى قۇچاقلاپ ئېرىگەن دۇنيا،
قاپ-قارا قارىچۇققا چۈشەر تامچىلاپ.
تىترىتەر ۋۇجۇدنى شۇ قەدەر ئىللىق،
نەگىدۇر جىممىدە يوشۇرۇنغان ئاپتاپ،
يۈزلەرگە تىنىقتەك ئۇرۇلۇپ لاپ-لاپ.
شامالغا يۆگىشىپ يالتىرار چاچلار،
تولۇنئاي نۇرىغا گىياھ ئۈندۈرۈپ.
كېلىدۇ ئاشۇدەم گۈزەل بىر قىزچاق،
بۇ يارقىن كېچىگە مۇقەددىمە بولۇپ.
ئازابلىق چېھرىدىن سىرغىغان ياشلار،
تۇرىدۇ تىپتىنچ كۆلگە قۇيۇلۇپ،
بۇ يارقىن كېچىگە مۇقەددىمە بولۇپ.
مەشىق دەپتىرى
ۋاراقلىدىم، ئاپتورىڭ سانسىز،
بولدىلا بەس، توختات يېغاڭنى.
يىگىتلەرنىڭ كۆڭۈل شاخىدا،
كۈتۈۋاپسەن بىتەلەي تاڭنى.
يېنىمدىن كەت، يىغلاۋەر ئەبەد،
تۈگەر بەلكىم قەلبىڭنىڭ كىرى.
ئېھ، بىچارە تىتىلىپ كەتكەن،
مۇھەببەتنىڭ مەشىق دەپتىرى.
ئاتا
كەچۈر! كۆزۈڭدە غەم بار، ئەلەم بار،
تورسىمان قورۇقلار ئۈستىگە قونغان.
ئوۋچى ئارخىپىنى كۆردۈم ئاختۇرۇپ،
ئۈمىد قۇشى ساڭگىلاپ قالغان.
ئاپتوبۇسقا قارىما ئەمدى،
ياغاچ كۆۋرۈكتىن ئاستا قايتىپ كەت.
ھاساڭ بىلەن سالقىن يوللارغا،
سالام يېزىپ ئوۋچىغا ئەۋەت.
يىراق شەھەردە ئوۋچى ئۆمۈچۈك،
سېنى كىمگىدۇر ئوخشىتىپ يۈرەر.
ئاق ساقىلىڭ بوز تورغاي بولۇپ،
ئۇنىڭ ياماق چۈشىگە كىرەر.
«سالام!» دەيمىز بارچە ئۆمۈچۈك،
كۆيمە ئەمدى مۇڭدا-ئازابتا.
غەم گۇگۇمى باسسا قەلبىڭنى،
سەھەردىكى قۇياشقا قارا...
لىرىكا بالىسى
چۈش ساھىلىدا يۈرەر بىر بالا،
قارماق تاشلاپ چەكسىز دېڭىزغا.
ئىلىنىدۇ پەرىزات بېلىق،
قارمىقىغا گاھى-گاھىدا،
شېئىر ئىزدەپ چىققان ئۆيىدىن.
سىلكىنىدۇ قوڭۇر چاچلىرى،
چۈش شامىلى سوقسا ئىزغىرىن.
بەرگى توزۇپ كەتكەن خۇرجۇندا،
خىيال سۈرەر مەشرەپ ئىۋرىقى.
چۆچەك سۆزلەپ بەرمەكتە ئىدى،
شەھرىزاتنىڭ سىرلىق چىرىغى.
ئىسسىق ئىزلار يۇمشاق ساھىلدا،
ياۋا غازدەك يىراقلىماقتا.
قول تۇتۇشۇپ شوخ دېڭىز بىلەن،
شېئىر ئىزدەپ يۈرەر بىر بالا.
تەنھا نۇر
قىسىلىپ، قىزىرىپ، قورۇنۇپ،
كۆزچىلىك يوچۇقتىن كىرىسەن.
قىزارغان ئەلپازىڭ بەك گۈزەل،
قەلەمدان گۈلىگە قونىسەن.
كىرىسەن، جىممىدە كۈلىسەن،
باغرىمغا تاتلىقلىق تولدۇرۇپ.
ئۇچىدۇ تۇمانلىق سەھرادىن،
كۆز يېشىم بىر غەمكىن قۇش بولۇپ.
ئۆچمىگىن، ئۆتۈنەي كەتمىگىن،
بۇ غېرىب خانەمدە قونۇپ قال.
بىر ساڭا ئاشىنامەن-ئىنسانمەن،
قەلبىمنى قۇچاقلاپ مەڭگۈ چال.
يامغۇر
سىم-سىم يامغۇر...
ئېرىمەكتە.
تۈڭلۈكلەردىن ئۆرلىگەن قەدىم مۇزىكا،
كەكلىك ئىزىدا.
سىم-سىم يامغۇر...
پادىچى بالا.
قولىدا قومۇش نەي،
سىمىلداپ ياغماقتا غۇۋا دۇنياغا.
سىم-سىم يامغۇر...
قىمىرلىشار، لەيلەر يوقىلار،
بىر توپ چۈمۈلە كەكلىك يولىدا.
ياتلىق بولدى جىلغىلىق قىز.
ئاۋۇ تاغنىڭ ئارقىغا،
سىم-سىم يامغۇر،
توختىمىدى يەنە ياغماقتا...
ئادەم
قىروۋ باستى كەڭرى دالىنى،
ئۆز قەلبىڭگە قايتقىن ئەي ئادەم.
تۈن باغرىدا يۇلتۇزلار بىلەن،
قاقىر كەبىي ئۇچماقتا ئالەم.
تۆگىلەردەك چامدايسەن ئاستا،
ئۆچتى يەنە جىگەررەڭ ئاپتاپ.
بۇ دۇنيانىڭ يىراق چېتىدە،
بىر جۈپ كۆزۈڭ يانار چاراقلاپ.
نەدىن كەلدىڭ، نەگە بارىسەن،
قايسى چۆلدە قومۇش كەپەڭ بار؟!
يېتىشەلمەي ئىزدەشلىرىڭگە،
يۇم-يۇم يىغلاپ قايتتى قۇشقاچلار.
بىر قىزغا
سەن كېلىسەن گۈللەر ئارىلاپ،
نازۇك بەدەن ئەي گۈزەل زىبا.
مەرمەر كەبىي ئوماق چىرايىڭ،
ئالىمىڭگە چاچار نۇر زىيا.
مۇھەببەتنىڭ ئەركە بېلىقى،
ئۈزۈپ ئوينار ئاھۇ كۆزۈڭدە.
كۈرمىڭ كاككۇك جان بىرەر دەرھال،
ۋىلىق-ۋىلىق كۈلۈشلىرىڭگە.
سەن كېلىسەن شامالدەك مەيىن،
شۇنچە لېۋەن قەدەملەر بىلەن.
سىياقىڭدا ئۆلمەس سېھىر بار،
پەرىمۇ سەن تەڭرى ئەۋەتكەن؟
سەن كېلىسەن كەچكۈز كېچىسى،
تىترەپ تۇرغان بۇ يولنى بويلاپ.
سىڭىپ كەتتىڭ كېچە باغرىغا،
ئاستا-ئاستا قەلبىمنى ئوۋلاپ.
ئۇستاز
ئاق نۇر ئىچىدە قۇياشتەك كۆيۈپ،
ئانا يەرگە بەردىڭ ھاياتلىق.
سەن كەلمەستە چۆل ئىدى دۇنيا،
چەكسىز ئالەم بىر ساڭا تارلىق.
تاڭ رەڭگىگە كىردى چاچلىرىڭ،
چىناردەك تىك قامىتىڭ قېنى.
ئادەملىكىم ئۈچۈن بىر ئۆمۈر،
سەرپ ئەتتىڭ قويماي ھەممىنى.
ھاردىڭ، چۈشكىن بىرپەس مۇنبەردىن،
پۇت-قۇلۇڭنى تۇتاي مەن قوپۇپ.
شاگىرتلىرىڭ ياسىدى جەننەت،
پەرىشتە بول، يۈر مەڭگۈ ئۇچۇپ.
ئال ئۇستازىم، بۇ مېنىڭ قەلبىم،
سەھرا كەبىي ئاددىي شۇ قەدەر.
مۇھەببىتىم پىشتى مەي باغلاپ،
شەپقىتىڭگە سۇنىمەن كەۋسەر.
تاپالمىساڭ
دىلبىرىم ئىزدەپ كېلىپ تاپالمىساڭ،
ئۈنۈپ چىق كوكات بولۇپ قىر بويىدا.
قولۋاق قىلىپ يالاڭ ئاياق ئىزلىرىمنى،
ئېقىپ كۆر كەپسىز ئەركە ئېرىقلاردا.
يۇلقۇنما، قۇچاقلىسا سېنى تاغلار،
ئاشۇ تىك قىيالاردا يۈرىكىم بار.
يۈزۈڭنى ياققىن ئاستا سۈت گۈلىگە،
بەرگىدە ئوتقا تەڭداش تىنىقىم بار.
تىڭشىغىن دىل ئاۋازىم ئۆرلىمەكتە،
ئاۋغۇستتا كالا قوشقان خامانلاردىن.
ئايدىڭدا مەشرەپ ئەھلى مەجنۇن ئادەم،
يىغلاتقان دۇتار راۋاب ساتارلاردىن.
ئۇھسىنما! ئاشۇ ئۇزۇن ئەگرى يوللار،
بارلىقىم، بېساتىمدۇر ساڭا يايغان.
يىلتىزىم كېچەلمەيمەن ئانا سەھرا،
بولغاچقا بار بىساتىم پورەك ئاچقان.
ئۆمۈچۈك بالا
1
ئۆرۈك شېخىغا ئېسىلىپ يۈرۈپ،
تور توقۇيدۇ ئۆمۈچۈك بالا.
ئالتۇن غازاڭ تۆكۈلىدۇ،
قارا قوينىڭ، بوز ئالا قوينىڭ.
باش-كۆزىگە بارماقلىرىغا،
ئالتە قوي ھەم يەنە بەرسىمۇ،
تەلمۈرىدۇ قاراپ ئاسمانغا.
2
ئاغدۇرۇلغان ئارپا ئېڭىزى،
يار باغرىدەك قانداق راھەت-ھە!
قۇياش يۇمشاق كۈز ئاپتىپىنى،
يېپىپ قويۇپ ئۆمۈچۈكنىڭ،
ئاسلاندەك سوزۇلۇپ ياتقان،
ئورۇققىنا يۈرىكىگە.
3
چۈش كۆرىدۇ ئۆمۈچۈك بالا،
زاغرىچىلىك زىرە ئاسقان
كۆك قوچقار،
سېۋىتىگە ئۆرۈك تۈۋىدىن
ئالتۇن تەڭگە تېرىپ يۈرگىدەك.
4
قوي مايىقىنىڭ ئاقۇش تۈتۈنى،
ئۇچراپ قالىدۇ توپىلىق يولدا
ئۈششۈك تەگكەن كەچكۈز تۈنىدە،
پىچىرلىشىپ قويلىرى بىلەن
كېلەر تاقلاپ ئۆمۈچۈك بالا.
ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى شۇ بەلكىم،
پىلىلدايدۇ يىراقتا
كېلىدۇ ئاستا
ئورۇققىنا ئۆمۈچۈك بالا.
كۈلسەڭ
كۈلۈپ قارىغىن دۇنياغا بىر پەس،
قاقاقلاپ كۈلمە تاغۇ-دەريالار.
قىڭغىر ئىشىكىڭمۇ شۇ قەدەر لېۋەن،
سەنەم لېۋىدەك خۇشپۇراق چاچار.
توپا ئۆرلەپ تۇرغان چىغىر يول،
ئۇسسۇل ئوينار تاتلىق تولغۇنۇپ.
شاھانە ھۇزۇر كۈتىدۇ سېنى،
ھەر دوقمۇشتا بەدەشقان قۇرۇپ.
سۈرتۈپ باق قەلبىڭنى جانان چىنىدەك،
ھېيتلىق بېرەر ساڭا ھەر كۈنى قۇياش.
كۈلكىدە باھار بار، پۈتكۈل دۇنيا بار،
ئۇ سېنىڭ باغرىڭدا مەڭگۈ قەلەمقاش..
قار ياغماقتا، لەپىلدەپ ئاق قار،
قىپيالىڭاچ دەرەخ شېخىغا.
گەمە ئۆينىڭ ئالدىدا تۇرغان،
سالۋا تەلپەك ئادەم بېشىغا.
قىزىل تاكسى-قىپقىزىل يۈرەك،
تاغ باغرىغا تاشلاپ قويۇلغان.
ئوقۇماقتا بۇ تار جىلغىنى،
قار ئاستىدا يېتىپ پەرىشان.
كۆڭلىدىن ئاڭلىنار بەك بوش،
ئەڭ قەدىمكى ياۋا مۇزىكا.
جىن چىراغنىڭ خىرە نۇرىدا،
داپ چالماقتا دومسۇنلۇق بالا.
شىرە چورۇق كىيگەن ئادەملەر،
ئۇسسۇل ئوينار كىگىزگە دەسسەپ.
قورام تاشتەك قاڭالتىر مەشتە،
قوي مايىقى كۆيەر گۈرۈلدەپ.
ئېشەك مىنىپ چوڭ بولغان سەنەم،
ياتلىق بولدى يوچۇن بىر ئەرگە.
تاڭغا يېقىن قىزىل قوڭغۇز بولۇپ،
ئۇزاپ كەتتى يىراق شەھەرگە.
قار ياغماقتا، ئاق قار لەپىلدەپ،
داپ چالىدۇ دومسۇنلۇق بالا.
كاككۇك قانات قاقمىدى قايتا،
قار ئاستىدا قالغان بۇ يۇرتتا.
تاشتىن-تاشقا ئۇرۇپ ئۆزىنى،
ئەركەكلىكىم ئاشار ھۆركىرەپ.
ئايغا قاراپ دەيمەن كۆڭلۈمدە،
يىغا قاچان قالغاندۇ كۆكلەپ؟
ئاھ يۇرتۇمنىڭ ئازنا بازىرى
بارمىقىنىڭ سۈيى قاچقان يەتتە تۈپ تېرەك،
يەر ئۈستىگە قايناپ تاشقان قارا يىلتىزى.
يىلتىزلارغا يۆلىنىپ
قىمىرلايدۇ يەتتە كۈندە بىر،
تاغلىق يۇرتنىڭ ئازنا بازىرى.
قىڭغىر-قىيسىق ئاشپۇزۇللار، ناۋايخانىلار،
ئىسلاش، چارلاش
كۆرۈنىدۇ شۇنچىلىك قېرى،
بىر-بىرىگە يۆلىنىپ
چىشى چۈشكەن ئۆستەڭ بويىدا
ئولتۇرىدۇ قونۇپ قاتارى
جەنۇبتىن قويۇلىدۇ قۇياش بىلەن تەڭ
سالۋا تەلپەك كىيگەن ئادەملەر؛
بارمىقىدا كۈمۈش تەڭگە بار،
ئېشەك مىنگەن ساھىب گۈزەللەر.
چىڭقى چۈشكىچە
سۆرەپ سانسىز ئېشەك ھارۋىسى
تېرەكلىكنى ئادەمگە كۆمەر.
ئاجايىپ رەڭلەر تېرەكنى بويلاپ،
پىرقىرايدۇ، چۆرگۈلەيدۇ قايناملار قايناپ.
ئاق توپىدا ئولتۇرىدۇ.
قورۇق-قورۇق چىرايلىق ئانا
قاردەك ئاپئاق كۆڭلىنى يېيىپ.
زەڭگى ناۋاي نەرە تارتىدۇ،
تونۇرىدا قىزىرىپ پىشقان
يۈرىكىنى پەشخۇنغا ئېتىپ.
چاشقان تەشكەن جاۋا تاغاردەك
سېرىق چىراي دېھقان بۇلۇڭدا،
تەشتەك كۆتۈرگەن بالا
ئۆينىڭ كەينىدىن كۈن چىقتى،
قىپقىزىل قۇملۇقنى تاتىلاپ.
بالىنىڭ يولىغا سېلىندى،
پەرىشتە تاشلىغان ئاق ئاپتاپ.
ئېڭىزلىق قىرىدىن ئاياقسىز،
بىر بالا كېلىدۇ جىممىدە.
قولىدا گۈل تەشتەك گۈلى يوق،
قىزىغان قۇم چىڭقاپ لىققىدە.
«كۈن كۆكلەپ چىقىدۇ» دەيدۇ ئۇ،
ياندىكى چۈمۈلە، كوكاتقا.
قارايغان قولىدا گۈل تەشتەك،
كېلىدۇ ئۇپۇقتا بىر بالا،
بوستانلار چۈشىدە جەۋلاندا،
تولغىنار ئۇسسۇلدا، سامادا.
كۈلكە بار كۆزىدە كۆك دېڭىز،
قولىدا گۈل تەشتەك بىر بالا.
تۇزچى ھارۋىسى
توغراق شېخىدا توقۇغان،
تاقىر ساي يۈكۈنۈپ ئوقۇغان.
كېلىدۇ ئۆمۈلەپ يېگانە،
پۇشۇلداپ تۇزچى ھارۋىسى.
ئېشەكنىڭ كالپۇكى ساڭگىلاپ،
قۇندۇز تۈكىگە شور باغلاپ.
ئاچۇرماس كۆزىدە تۇز قايناپ،
زاغرىسىنى ئېرىنمەي چايناپ،
كېلىدۇ ئۆمۈلەپ تۇزچى ھارۋىسى،
تاس قالار كەچكىچە بولغىلى كاۋاپ.
قىزىق تەر قۇيۇلار، تۇزلۇق شاكىراب،
تۇز-ئىنسان، تۇز-سۆيگۈ،
تۇز بىلەن تىلەر تىمتاس شەھەرچاق.
تۇز-ئەرلىك، تۇز-مادار،
كېلىدۇ ئۆمىلەپ تۇزچى ھارۋىسى،
تۇزچى ھارۋىسى.
مەنبە: «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 6-سانى