ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
يۈز يۇيۇش ھەربىر ئادەمنىڭ زۆرۈر ئادىتى، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى ئاۋارىچىلىق دەپ قاراپ بىۋاسىتە بەدەن سوپۇنى بىلەن يۈزىنى يۇيىدۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ تېرىگە زىيىنى بارمۇ يوق؟ تېرە كېسەللىكلىرى ئالىمىنىڭ قارىشىچە، بەدەن سوپۇنى يىرىك ھەمدە تەركىبىدە زور مىقداردا ھىدروكلورىك تازلىغۇچ بولغاچقا تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرۋىتىدىكەن. بەدەن سوپۇنىنىڭ تەركىبى يۈز تېرىسىنىڭ كىسلاتا ئىشقارلىق قىممىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلار يۈز تېرە قاتلىمغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ تېرنى ناھايىتى ئاسانلا قۇرغاق ياكى مايلىق قىلىپ قويىدىكەن.
تېرە كېسەللىكلىرى ئالىمى كۆپچىلىكنى ئاگاھلاندۈرۈپ بەدەن سوپۇنى بىلەن يۈز يۇيغاندا يۈزدىكى ماينى چىقىرىۋەتكەن بىلەن يۈز تېرىسى قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن داۋاملىق ياغ ئىشلەپچىقىرىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش پەيدا قىلىپ دائىم ياغلىشاڭغۇ بولۇۋېلىپ، تەر تۆشۈكچىلىرىنى توسۇۋالىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن يۈزگە دانىخورەك چىقىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن يۈزنى مەخسۇس يۈز سوپۇن ياكى يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيۇش كېرەك ئىكەن.