تالانتلىق تور يازغۇچىمىز ئەزىز ئىمىر يانغىن 1985- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى ئاقسۇ ۋېلايىتىنىڭ ئاۋات ناھيىسىدە تۇغۇلغان . كىچىگىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۇنجى يىلى شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «پەخرىم ئانا تىل» ناملىق نەسىر بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ھەر قايسى ژورناللاردا 50 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. 2004- يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتىنىڭ تەكلىپلىك مۇخبىرى بولغان. 5 پارچە ئەسىرى تارىم غۇنچىلىرى ۋە شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى تەرپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇكاپاتلىق ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىرىنجى ۋە ئىككىنجى دەرجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. يازغان ئەسەرلىرى ئىچىدە كۆزگە كۆرىنەرلىك بولغانلىرى: شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئاقىۋەت» ،«دادا، قايتىپ كەل !»، «سېھىرلىك مەخلۇق»... پەرۋاز ژورنىلىدا «چەتئەللىك دوستۇم خاررىي پوتتىر» (4-قىسىم)، «بىزنىڭ ئائىلە » ... تارىم غۇنچىلىرىدا «قايتا تىرىلگەن قىز»، ئاقسۇ ئەدەبىياتىدا«نىگار»، «نىگارغا مەكتۈپ»، «قەلبىمدىكى ئۇيغۇر قىزى»، ئاقسۇ گېزىتىدە«يوقالغان دۇنيا»، «رەزىل سۆيگۈ»، «ئۆكسىگەن سۆيگۈ»، بىڭتۈەن گېزىتىدە «جەڭچى ئاكامغا» .... قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا«بىزنىڭ ئائىلە»، «چەتئەللىك دوستۇم خاررىي پوتتىر»، «دادا، قايتىپ كەل !» ... قاتارلىق ئەسەرلىرى شىنجاڭ خەلىق رادىئو ئىستانسىسىدا ئېلان قىلىنغان. توردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم دۇنيادا «ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز»، « چىڭدۇدىن باشلانغان مۇھەببەت» ناملىق داڭلىق ئەسەرلىرى باس باس تورى ئاۋازغا ئېلىش ئىشخانىسى تەرپىدىن ئاۋازلىق ئىشلەنگەن، ھەمدە تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن. 2010-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىگە ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغان.