تاللانغان رازۋېتكا ھېكايىلىرى (51)
قايەرگە نەزەربەند قىلىنغان؟
جاسۇس H ھاۋاناغا كېلىپ ئارام ئالدى، بۇ كۈنى ئۇ ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىدا مۇنچىغا چۈشۈپ ۋاننىدا توپتوغرا 20 مىنۇت ياتقاندىن كېيىن، ئوقۇرنىڭ قاپىقىنى ئېلىۋەتتى، سۇ پىرقىراپ چۈشۈپ كېتىۋاتاتتى، سۇدا ئىككى ئۈچ تال چاچ خۇددى سائەت سېتىرىلكىسىدەك پىرقىراپ ئاخىرى ئوقۇرنىڭ تۆشۈكىگە كىرىپ كەتتى.
ئۇ مۇنچىدىن چىقىپ بەدەنلىرىنى سۈرتكەندىن كېيىن، كۈتكۈچى ئەكىرىپ بەرگەن مېھمانخانا شامپىنىنى ئىچىپ تۇيۇقسىز بېشى قايغاندەك بولۇپ مۈگدەك باستى. ئۇ شامپاندا بىھۇش دورىسى بارلىقىنى ھېس قىلغان چاغدىلا كېچىككەنىدى، ئۇنىڭ قولىدىكى رومكا يەرگە چۈشۈپ كەتتى، ئۆزى بولسا سېزىمىنى يوقاتتى. ئۇ بىر چاغدا ئويغاندى، ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئۇخلىغانلىقىنى بىلمەيتتى، ئۇخلاش كىيىمى ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ، كارىۋاتتا ياتاتتى، يوتقان كۆرپە، ئۆيمۇ ھېچ ئوخشىمايتتى. ئۇ كارىۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ كىيىملىرىنى ئىزدەپ تاپالمىدى، چوڭ بىر ئۇخلاش كىيىمى ئورۇندۇققا ئارتىقلىق تۇراتتى.
«بۇ قەيەردۇ؟»
شىرە ئۈستىدە «بىزنىڭ بىر خىزمەتچىمىز دۆلىتىڭلاردا قولغا ئېلىندى، بىز ئۇنى سىز بىلەن ئالماشتۇرماقچى، ھازىر كېڭىشىۋاتىمىز، ئۇزۇنغا قالماي جاۋابقا ئېرىشىمىز، سىز سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرۇڭ، سىرتقا چىقىشىڭىزغا رۇخسەت يوق، يەيدىغان، ئىچىدىغانلىرىڭىز، ئىشلىتىدىغانلىرىڭىز ئۆيدە تولۇق» دەپ يېزىلغان بىر باغاقچە تۇراتتى.
جاسۇس H ئويلاندى، يېقىندا ئۇنىڭ دۆلىتى دۈشمەن تەرەپنىڭ بىرنەچچە جاسۇسىنى تۇتۇۋالغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزى بىلەن ئالماشتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغاندىن پەقەت ئىككىلا ئادەم بار بولۇپ، بىرى شىمالىي يېرىم شاردىكى A دۆلىتىدىن، يەنە بىرى جەنۇبىي يېرىم شاردىكى B دۆلىتىدىن ئىدى، ئۇنداقتا مەن ھازىر A دۆلىتىدىمۇ ياكى B دۆلىتىدىمۇ؟
ئۆي ۋە مۇنچىنىڭ دېرىزىسى يوق ئىدى، تېمپېراتۇرا ھاۋا تەڭشىگۈچ بىلەن كونترول قىلىناتتى،ئۇ ئۆزىمۇ ھازىرنىڭ كۈندۈز ياكى كېچە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى، بۇ ئۆي خۇددى ئالەم كېمىسىنىڭ بېكىتىلگەن بۆلۈمچىسىگە ئوخشايتتى.
تاماقتىن كېيىن ئۇمۇ مۇنچىغا كىرىپ ئۇزۇنغىچە چىلىشىپ ياتتى، بەدەنلىرىمۇ بوشىشىپ كەتتى، ئۇ ئوقۇرنىڭ قاپىقىنى ئېلىۋېتىپ سۇنىڭ چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ، ھاۋانا مېھمانخانىنىڭ مۇنچىسىدىكى ئەھۋالنى ئېسىگە ئېلىپ، ئىختىيارسىز ھالدا «ھە ئەمدى بىلدىم» دەۋەتتى.
جاسۇس نىمىنى بىلدى؟
رازۋېدكا ھېكايىلىرى (50) نىڭ جاۋابى:
تۆت ھىندىستانلىق گرافنىڭ ئېگىزدىن قورقىدىغانلىقىنى بىلىپ، ساغلاملىق ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ تۈڭلۈكنىڭ ئەينىكىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇچىغا ئىلمەك چىگىلگەن تۆت تال ئارغامچىنى كارىۋاتنىڭ تۆت پۇتىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن گراف قورقۇپ ئۆلگەن، ئاندىن ئۇلار كارىۋاتنى ئىزىغا قويۇپ ئارغامچىنى تارتىپ ئالغان.