تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن

ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن

ئامېرىكىلىق داڭلىق كارخانىچى بىل. رۇف ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن سودىگەر بولۇش نىيىتىگە كېلىدۇ، ئۇ ئىمتىھان بېرىپ ماساچۇستىس شىتاتلىق سانائەت ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ، لېكىن ئۇ بۇ سودا كەسپىدە ئوقۇماي، تېخنىكا پەنلىرى ئىچىدىكى ماشىنسازلىق كەسپنى تاللىۋالىدۇ، بۇ ئىش ناھايىتى ئاقىلانە ئىش بولىدۇ. چۈنكى، سودا قىلىش ئۈچۈن مەلۇم كەسپىي بىلىملەرنى ھازىرلاش شەرت، ئىنستىتۇتنى پۈتتۈرگەن بۈگۈن رۇف دەرھال سودا بىلەن شۇغۇللانماي، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئۈچ يىللىق ئوقۇشىنى باشلايدۇ. 

نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ سودىگەردە بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق ساپانى ھازىرلاپ بولىدۇ، كىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغىنى شۇكى، باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغاندىن كېيىن،  ئۇ يەنىلا سودا بىلەن شۇغۇللانماي مەمۇرىيلىككە ئىمتىھان بېرىپ ھۆكۈمەت تارمىقىدا خىزمەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ سودا قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئالاقىلىشىش ئىقتىدارى ھازىرلاش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمەلدارلىق سورۇنى رەھىمسىز، ئۆزگىرىشچان بولۇپ، ئادەمنى زېرەكلەشتۈرىدىغان، پىشۇرىدىغان ۋە  خېيىم خەتەر ئالدىدا تەمكىن قىلىدىغان سورۇن ئىدى. 

ھۆكۈمەت تارمىقىدا بەش يىل ئىشلىگەندىن كېيىن ۋۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ سودىغا كىرىشىپ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازىنىدۇ يەنە ئىككى يىل ئۆتكەندىكىن ئوھۇ روھ سودا شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ يىلدىن كېيىن روھ شىركەتنىڭ مەبلىغى ئەينى چاغدىكى مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپىيىپ مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ بۇ ئاخىرى ئامېرىكىدىكى داڭلىق كارخانىچى بولۇپ قالىدۇ. 

كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشتا ھەرخىل كىشىلەرنىڭ بىربىرىگە تامامەن ئوخشىمايدىغان ھەرخىل ئۇسۇللىرى بولىدۇ، پەقەت مۇنداق ئىككى خىل كىشىلەرلا ئۇتۇق قازىنالمايدۇ: بىر خىلى مەڭگۈ ئۇتۇق قازىنىشنى خام خىيال قىلىپلا يۈرىدىغانلار، يەنە بىر خىلى يەڭگىلتەكلىك بىلەن سۈرئەت قوغلىشىدىغان لېكىن مەنزىلگە يېتەلمەيدىغانلار. لېكىن بېل.رۇفقا ئوخشايدىغانلىرى ھەم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خام خىياللاردىمۇ بولمايدۇ ھەم ئالدىراقسانلىقمۇ قىلمايدۇ، بەلكى توختاۋسىز رەۋىشتە بىلىم جۇغلاپ،  تەجرىبىلىرىنى بېيىتىپ، قەدىمىنى پۇختا ئېلىپ، مۇۋەپپەقىيەت مۇساپىسىدىكى ئازغان تىكەنلەرنى يۇلۇپ، قورام تاشلارنى قومۇرۇپ تاشلاپ، كۆۋرۈك سېلىپ يول ياسىيالايدۇ. دېمەك رۇفنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى «ئەجرىنىڭ تېگى ئالتۇن» دېگەن تەمسىلگە ئوبدان مىسال بولالايدۇ. 

"ھاياتلىق" ژۇرنىلىدىن ئېلىندى


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز