تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئۇيغۇرلاردا تاقىچىلىق كەسپى

ئۇيغۇرلاردا تاقىچىلىق كەسپى

 تاقىچىلىق كەسپى ئاتنى قولغا كۆندۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئويغۇرلار كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرىدىلا ئاتنى تاقىلاش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق مىللىتىدىن تېرىقچىلىق مىللىتىگە، ئات ئۈستى مەدەنىيىتىدىن تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىگە ئۆتكۈچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، ئۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى، ئۇلاغ تىرانسىپورتى، كارۋانچىلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن تاقاچىلىق ناھايىتى مۇكەممەل تەرەققى قىلغان. ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن «ئات يۆك كۆتۈرىدۇ، تاقا ئاتنى كۆتۈرىدۇ» دېگەن ماقال بۇنىڭ دەلىلى. بولۇپمۇ قاتناش - سودا تىرانسىپورتىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى تاقىچىلىق كەسپىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى بولدى. شۇنىڭ بىلەن تاقىچىلىق كەسىپكە ئايلىنىپ تۆمۈرچىلىكتىن ئايرىلىپ چىقتى. شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سودا چەمبىرىكىدىكى مۇھىم ئورۇنلارنىڭ بىرى بولغاچقا، ئەينى يىللىرى ھەر قانداق سودا كارۋىنى چوقۇم ئۆتمىسە بولمايدىغان ئۆتەڭگە ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن ھەرقانداق كارۋان بۇ لىنىيەدىن ئۆتكەندە يول ئەھۋالىغا قاراپ ئات-ئۇلاغلىرىنى تاقىلىتىپ ئاندىن يولغا چىقىدىغان بولغان.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز