تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ھەسەتخورلۇق بولسا بىر پىچاق


بىر ئۇستاز ئىككى شاگىرت ئاپتۇ. بىر كۈنى ئۇستازنىڭ پۇتى ئاغرىپ، ئىككى شاگىرتىنى پۇتىنى ئۇۋۇلاشقا بۇيرۇپتۇ. ئىككى شاگىرت ئۆز ئارا ھەسەت قىلىشىدىغان بولۇپ، چوڭ شاگىرت بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەندە، كىچىك شاگىرت ئۇستازىنىڭ پۇتىنى ئۇۋۇلاۋېتىپ، چوڭ شاگىرت ئۇۋۇلاتقان پۇتىنى ئۇرۇپ سۇندۇرۇۋېتىپتۇ. چوڭ شاگىرت بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ناھايىى غەزەپلىنىپتۇ ھەمدە ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۇستازىنىڭ يەنە بىر پۇتىنىمۇ ئۇرۇپ سۇندۇرۇۋېتىپتۇ.

قەدىمدىن تارتىپ ئوخشاش كەسىپتىكىلەر ھەمىشە قورساق ئۇرۇشى قىلىشىدۇ، يەكلىشىدۇ. ھەسەتخورلۇق بولسا بىر پىچاق، ئۇ ئاخىر باشقىلارنىڭ قورسىقىغا ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ قورسىقىغا سانجىلىدۇ.

بىر تۇغقىنىم تۇرىدىغان كىچىك بازاردا ئەۋرەز يولىنى راۋانلاشتۇرىدىغان ۋاڭ ئۇستام دېگەن بىر ئادەم بولۇپ، كىمنىڭ ئەۋرەز يولى توسۇلۇپ قالسا، ئۇنىڭغا تېلېفون بەرسە، ئۇ دەرھال موتوسىكلىتلىق بېرىپ بىر باھانى ئېيتاتتى، شۇنىڭغا قوشۇلسا قىلاتتى، قوشۇلمىسا كېتىپ قالاتتى. كىچىك بازاردا بۇ ئىشنى پەقەت ئاشۇ بىرلا ئادەم قىلغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭ دېگىنىگە ماقۇل بولاتتى. بۇ ئىش گەرچە ھەم مەينەت، ھەم جاپالىق بولسىمۇ، كىرىمى يامان ئەمەس ئىدى. بىر قېتىم ۋاڭ ئۇستام بىر بىنانىڭ ئەۋرەز قۇدۇقىنى تازىلاش ئۈچۈن بىر يىگىتنى قىسقا مۇددەتلىك ياللاپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن يىگىت بۇ ئىشنىڭ ئېپى-جېپىنى خېلىلا بىلىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ بىر يۈرۈش جابدۇق سېتىۋېلىپ، شۇ ئىشنى قىپتۇ. بازاردا ئۆزىگە ئوخشاش ئىش قىلىدىغان ئادەمدىن يەنە بىرسىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋاڭ ئۇستامنى بىئارام قىپتۇ. ئۇ قىلغىنىغا پۇشايمان قىپتۇ ھەم ناھايىتى ئازاپلىنىپتۇ. ۋاڭ ئۇستام ھېلىقى يىگىتنى تېپىپ، ئۇنىڭدىن كەسىپ ئۆزگەرتىشنى ياكى باشقا يەرگە بېرىپ ئىش قىلىشنى تەلەپ قىپتۇ. ئۇ يىگىت ئۇنىماي:« سەن ئۆزۈڭنىڭكىنى قىل، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭكىنى قىلاي، ھەر كىمنىڭ رىزقى ئۆزىگە» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا بولۇپ، كۆرۈشسىلا تىللىشىدىغان بولۇپ قاپتۇ. بىر نەچچە قېتىم مۇشتىلىشىپمۇ قاپتۇ. ۋاڭ ئۇستام ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچلۈك قىلىپ، بىر كۈنى باشقا بىر نومۇردا ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ، ئۆيدىكى ئەۋرەز يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ بېرىشنى ئېيتىپ، ئۇنى ئالداپ ئەكەلگەندىن كېيىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ رەقىبى كۆزدىن يوقاپ، كىچىك بازار ئوڭچە قالغان بولسىمۇ، ئون كۈنگە بارمايلا ساقىچلارنىڭ قولىغا چۈشۈپتۇ.

بەزىلەر: « ھايات-ماماتلىق ئېلىشىشتا سەن ئۆلۈپ، مەن قالغاندىلا بولدى قىلىش كېرەك» دەيدۇ، قارىماققا بۇ گەپ توغرىدەك قىلغان بىلەن، نەتىجىدە ئۆزىمىزنىڭمۇ چىقىش يولى قالمىغان بولىدۇ. كوكاكولا بىلەن پېپىشى كولا 100 يىل رىقابەتلەشكەن بولسىمۇ، ھېچقايسىسى بىر-بىرىنى يوقىتالمىدى، ئەكسىچە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدى. ئەڭ ئاقىلانە بولغان رىقابەت سەن ئۆل، مەن ياشاي، دېگەنلىك بولماستىن، سەمۇ ياشا، مەنمۇ ياشاي، دېگەندىن ئىبارەتتۇر.

مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى. 

تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز