تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
10 يىلدىن كېيىن سىزنىڭ خىزمىتىڭىز يەنە مەۋجۇت بولامدۇ؟

ئالدىنقى ئەسىردە خەت باسقۇچى، تۆمۈرچى، لىنىيە ئۇلىغۇچى خادىم قاتارلىق نۇرغۇن كەسىپلەر يوقاپ كەتكەن، ئۇنداقتا نۆۋەتتە يوقاپ كېتىش ئېھتىمال بار بولغان كەسىپلەر قايسى؟

1. مۇخبىر

كەلگۈسىدە بەلكىم 90 پىرسەنت مۇخبىر ئىشسىز قىلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا NarrativeScience شىركىتى چوڭ سانلىق مەلۇمات بىلەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى بىرلەشتۈرۈپ، يۇمشاق دېتالدا قېلىپ، رامكا، ھېسابلاش ئۇسۇلى ئىشلىتىش ئارقىلىق شۇ ھامان مىليونلىغان خەۋەر يېزىپ چىقىرالايدىكەن. «فوربىس» گېزىتخانىسى ئاللىقاچان بۇ شىركەتنىڭ خېرىدارى بولغان.

2. بانكا كۆزنەك خادىمى  

« سودا ھەپتىلىك» ژۇرنىلىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كەلگۈسىدىكى 10 يىلدا، جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدىكى 80 پىرسەنت نەق پۇلنىڭ ئىشلىتىلىشى توختاپ، كىشىلەر توردا ۋە كۆچمە چىقىم قىلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق پۇل تۆلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەنئەنىۋى پۇل مۇئامىلە كەسپى بىلەن پەن-تېخنىكا ساھەسى كەسكىن رىقابەتكە چۈشكەن.

3. شوپۇر

گۇگىل شىركىتىنىڭ شوپۇرسىز ئاپتوموبىلى سىناق قىلىنىۋاتقاندىن بۇيان ئاۋدى، تويوتا، بېنىز قاتارلىق ماشىنا سودىگەرلىرى ئۆزىنىڭ شوپۇرسىز ماشىنا ھەيدەش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشنى باشلىغان. 

4. قۇراشتۇرۇش سېخ ئىشچىسى

فوكىسكون شىركىتى مىليون «ماشىنا ئادەم قوشۇنى» قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان مۇتەخەسسىسلەر بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلارنىڭ ئىشسىز قىلىشى مۇقەررەر دەپ قارىغان.

5. سىملىق تېلېۋىزور ئورنىتىش خادىمى

بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر سىمسىز تور ئومۇملاشقان بۇ دەۋردە سىملىق تېلېۋىزورنىڭ ئىشلىتىلىشتىن قېلىشى مۇقەررەر، سىملىق تېلېۋىزور ئورنىتىش خادىمى ئېھتىياجدىن قالىدۇ دەپ قارىغان.

6. ماي-گاز قاچىلاش پونكىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ۋە خىزمەتچى خادىمى

توك قاچىلاش پونكىتى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك زەرەتلەش پونكىتى ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ ئورنىنى بېسىش ئېھتىمال ناھايىتى چوڭ بولۇپ، زەرەتلەش پونكىتىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشىدىكەن.

7. كەسپىي مودېل

يۇقىرى تېخنىكىلىق بوي ئۆستۈرۈش ئوپېراتسىيىسى نۆۋەتتە تەتقىقات قىلىنىۋاتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بوي ئۆستۈرۈش ۋە گۈزەل چىرايغا ئېرىشىش ئاسانلىشىدىغان بولغاچقا كەسپىي مودېلنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئەھمىيىتى يوق.

8. ۋاسىتىچى

ئۇچۇر تېز تارقىلىدىغان بۇ دەۋردە ۋاسىتىچىلەرنىڭ ئەۋزەللىكى يوقاپ كېتىۋاتىدۇ، كەلگۈسىدە كىشىلەر مۇقىمسىز ۋاسىتىچىغا قارىغاندا بىخەتەر پىلانلىغۇچىغا تېخىمۇ ئېھتىياجى چۈشىدۇ.

9. ھەر خىل قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئەۋرىشكىسى ياسىغۇچىلار

3D بېسىش تېخنىكىسى ماشىنىسازلىق كەسپىگە چوڭ خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان بولغاچقا قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپى يوقىلىدۇ.

10. يەككە تىجارەتچىلەر

مۇتەخەسسىسلەر كەلگۈسىدىكى 3 يىلدىن 5 يىلغىچە مەملىكەت بويىچە 80 پىرسەنت كىتابخانا، 30 پىرسەنت كىيىم-كېچەك، ئاياغ دۇكىنى تاقىلىپ كېتىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن.

تور سودىگەرلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى ئەمەلىي دۇكاندىن كۆپ بولغانلىقتىن،  دۆلىتىمىزدىكى «لىنىڭ» ماركىلىق تەنھەرىكەت كىيىم-كېچەكلىرىنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىن 1800 ى تاقالغان.  


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز