تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
چاچقا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

 ئورۇق كالا گۆشى : ئامېرېكا كېرىفلاند ئامبولاتورىيەسىدىكى ئالىملار ئادەمنىڭ چېچى چۈشۈش ئەھۋالىنى 40 يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، تۆمۈر ماددىسى تاقىرباش بولۇپ قېلىشنىڭ تۈپ سەۋەبى بولمىسىمۇ ، ئەمما ئادەم بەدىنىدە تۆمۈر ماددىسى ئاز بولسا ، چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان .

‹‹چېچىم تېخىمۇ قۇيۇق بولسۇن››دېسىڭىز ، بەدەندىكى تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاڭ .بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى: ئورۇق كالا گۆشىنى كۈندە 170 گرام يېگەندە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولىدىغان تۆمۈر ماددىسىنىڭ %40 ىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ .

تاغ شاپتۇلى: تۆمۈر ماددىسى چاچنىڭ قويۇق ئۆسۈشىنى تېزلەتسىمۇ ، ئادەم بەدىنىنىڭ تۆمۈر ماددىسىنى قوبۇل قىلىش چەكلىك بولغاچقا ، كۈندە يېمەكلىكتىن قوبۇل قىلىدىغان تۆمۈر مىقدارى ٪25 كىمۇ يەتمەيدۇ . تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ، ۋىتامىن C ئادەم بەدىنىنىڭ تۆمۈر قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىكەن . تاغ شاپتۇلى مېۋىلەر ئىچىدىكى ۋىتامىن C شاھى دەپ ئاتىلىدۇ . كۈندە تاغ شاپتۇلىدىن بىرنى يەپ بەرسە ، ئادەم بەدىننىڭ ۋىتامىن C غا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ .

كۈنجۈت : كۈنجۈت تەركىبىدە ساغلاملىققا پايدىلىق‹‹ لىگنانوۋ›› دەيدىغان خىمىيىۋى ماددا بار . تەيۋەن ئالىملىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، ئادەم بەدىنىدە ‹‹ لىگنانوۋ›› كەم بولۇش بىلەن چاچ چۈشۈشنىڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان .

كەندىر ئۇرۇقى تەركىبىدىمۇ ‹‹لىگنانوۋ›› مول بولىدۇ . شۇڭا ، كەندىر يېغىمۇ چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . يېقىندا تەيۋەندە ئىشلەنگەن تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا ، كەندىر يېغى يېيىش تەجرىبىسىگە قاتناشقان تاقىر باشلارنىڭ چېچىنىڭ چۈشۈشى ئالتە ئايدىن كېيىن ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنگەن .

تۇخۇم : تۇخۇم تۈك خالتىسىنى سىلىقلاشتۇرىدىغان مەخپىي قورال . بىر تال تۇخۇم ئادەمنى تۆت گرام ئەڭ سۈپەتلىك ئاقسىل بىلەن تەمىنلەيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئاقسىل چاچ ئۆستۈرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق خىمىيلىك بىرىكمىدۇر .

ئۇنىڭدىن باشقا ، توخۇ تۇخۇمىدا ھايۋانات مەنبەلىك ۋىتامىن B12 بولۇپ ، ئادەم بەدىنىدە B12كەمچىل بولسا ، چاچ سارغىيىپ كېتىدۇ . شۇڭا ، كۈندە تۇخۇمدىن بىرنى يەپ بەرسە ، چاچنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق .

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز