ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
كۆز ئالمىسىنى بېسىش. كۆزنى يۇمۇپ كۆرسەتكۈچ بارماق، ئوتتۇرا بارماق ۋە نامسىز بارماق بىلەن كۆز ئالمىسىنى ئاستا-ئاستا 20سېكونت باسىمىز، ئەمما بېسىش ۋاقتى قىسقا، سالماق، يېنىك بولمىسا بولمايدۇ.
چېكىنى بېسىش. ئىككى قولنىڭ بارمىقى بىلەن پېشانىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئىككى ياققا چېكىگىچە ئۇۋۇلايمىز، ئاندىن چېكىنى بېسىپ، ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە ئۇۋۇلايمىز.
قاشنىڭ ئوتتۇرىسىنى بېسىش. باش بارماقنىڭ قورساق تەرىپى بىلەن قاشنىڭ ئۈستىدىكى ئويماننى ئۈچ قېتىم ئاستا ئۇۋۇلايمىز، كۆزىنى يىراققا تىكىپ كۆز ئالمىسىنى ئوڭ سول ۋە ئاستى-ئۈستى تەرەپكە قاراپ پىرقىرىتىمىز، ئەمما باشنى مىدىرلاتمايمىز.