تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
گۈزەللىكنى چۈشىنەمسىز؟

گۈزەللىكنى چۈشىنەمسىز؟

گۈزەللىك گەرچە بىر قانچە پەننىڭ مەزمۇنى بىلەن چېتىشلىق بولسىمۇ، كاتېگورىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئېستېتىكىنىڭ ئوبيېكتى ھېسابلىنىدۇ. 

ھازىرغا قەدەر گۈزەللىك ھەققىدىكى قاراشلار ئوخشاش بولمىغان دەۋر، ئوخشاش بولمىغان زامانلاردا ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىپ كەلدى. گۈزەللىككە ھەممە كىشى ئىنتىلىدۇ، گۈزەللىكنى ھەممە كىشى سۆيىدۇ، گۈزەللىكنى سۆيۈشنىڭ دۆلەت، مىللەت، ئىرىق ۋە جىنىس چەكلىمىسى بولمايدۇ. گۈزەللىكنى سۆيۈش ماتېرىيالنى كۆرۈو چۈشىنىۋالىدىغان، باشقىلاردىن ئۆگىنىۋالىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ تۇغما تەبىئىتىگە تەئەللۇق بولغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. 

ئادەتتىكى ئومۇمىي چۈشەنچە جەھەتتىن ئالغاندا، ئادەمنى شادلاندۇرىدىغان، مەھلىيا قىلىدىغان، زوقلىنىدىغان ئوبېكىت گۈزەللىك دېيىلىدۇ. مەسىلەن، چىمەنلىك ئىچىدىكى ئويناق بۇلاق، ھەيۋەتلىك شارقىراتمىلار بولغان قارىغايلىق،كېپىنەكلەر ئۇچۇپ يۈرگەن گۈزەل باغ،شەھلا كۆزلۈك ساھىبجامال قىز، كېسەللەرنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان سېسترالار، كۈلۈمسىرەپ بېرىلگەن سالام، پۈتۈن دىققىتنى مەركەزلەشتۈرۈپ دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچى... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى گۈزەللىك ئوبيېكتى ھېسابلىنىدۇ. 

كىشىلەرنىڭ گۈزەللىككە بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان شەيئىلەر كىشىلەردە گۈزەللىك تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن بۇلبۇللار سايراۋاتقان گۈزەل باغدىكى ھەرخىل گۈللەرنىڭ رەڭگى ئادەمنى كۆرۈش سەزگۈسىگە تەسىر قىلىدۇ، خۇش پۇرىقى ئادەمنىڭ پۇراش سەزگۈسىگە تەسىر قىلىدۇ، بۇلبۇللارنىڭ خۇش ناۋالىرى ئادەمنىڭ ئاڭلاش سەزگۈسىگە تەسىر قىلىدۇ، باغنىڭ سالقىن ئارام بەخىش ھاۋاسى ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ گۈزەل باغ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ قەلبلەرنى چەكسىز شادلاندۇرىدۇ.

ئادەمدىكى گۈزەللىك نوقۇل تاشقى قىياپەتنى، مەسىلەن چىراينىڭ گۈزەل، كېلىشكەن، كىيىم كېچەكنىڭ يارىشىملىق بولۇشنىلا كۆرسەتمەيدۇ. 

قەلب گۈزەللىكى ھەمدە قەلب گۈزەللىكىنى مەنبە قىلغان بارلىق گۈزەل ھەرىكەتلەر ئەڭ يۈكسەك گۈزەللىكتۇر. مۇشۇ ئاساستىن ئايرىلغان گۈزەللىك ئۆز تۈسىنى يوقاتقان بولىدۇ. قەلبى گۈزەل بولۇش ئادەمنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى، روھىي دۇنياسى، ئىدىيىۋى تونۇشى ۋە مىجەز خۇلقىدىكى گۈزەللىكنى كۆرسىتىدۇ. سىرتقى قىياپىتىدىن ئىنتايىن گۈزەل بىر كىشىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ تازا ساپ ئەمەسلىكى بىلىنىپ قالسا، سىرتقى گۈزەللىكى كىشىلەر نەزىرىدىن ئاستا-ئاستا ئۆچۈپ كېتىدۇ. سىرتقى قىياپىتى سەت بىر ئادەمنىڭ قەلبىنىڭ گۈزەللىكى، ھەرىكىتىنىڭ ئالىيجانابلىقى بايقالسا، سەتلىكى كۆزگە كۆرۈنمەيدىۇلا ئەمەس، كىشىلەر ئۇنىڭ بارغانسېرى گۈزەللىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. 

سىرتقى قىياپەت، كىيىم كېچەك، زىبۇ زىننەتنىڭ گۈزەل بولۇشى كىشىلەردە مۇقەررەر يوسۇندا گۈزەللىك تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. لېكىن گۈزەل قەلب، ئەقىل-پاراسەت ۋە ھەرىكەت پەيدا قىلغان گۈزەللىك تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. سىرتقى گۈزەللىكنىڭ يېتەرسىزلىكىنى قەلب گۈزەللىكى ئارقىلىق تولدۇرغىلى بولىدۇ. لېكىن قەلبتىكى ئىللەتلىرىنى سىرتقى قىياپەت، گۈزەللىكى ئارقىلىق يۇيۇۋەتكىلى بولمايدۇ. ئادەمنىڭ گۈزەل ياكى گۈزەل ئەمەسلىكىگە باھا بېرىشتە ئاساسلىقى چىرايىغا ئەمەس، قەلبىگە قارايمىز. چىراينى ياسىۋالغىلى بولمايدۇ، ئەمما قەلب گۈزەللىكىنى ياراتقىلى بولىدۇ. 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز