ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
خورازنىڭ باياناتى
بىر دېھقان خورىزىنى سويۇپ يەيدىغان كۈننىڭ ئاخشىمى ئۇنىڭغا ئېسىل دانلارنى چېچىپ بېرىپتۇ، ئەمما ئۇ دان چېچىۋېتىپ مۇنداق دەپتۇ:-يەۋال، تويغۇچە يەۋال، بۇسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم دان يېيىشىڭ خورىزىم.2-كۈنى دېھقان ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقىپ قارىسا خوراز ھويلىدا ئوڭدىسىغا ياتقۇدەك، ئۇنىڭ يېنىدىكى ۋەسىيەتنامىدە مۇنداق خەتلەر تۇرغۇدەك: «پېقىر چاشقان دورىسى يەۋالدىم، ئەمدى مېنىڭ گۆشۈمنى يەپ ھۇزۇرلىنىش خىيالدا بولماڭلار، بىلىپ قېلىڭلار پېقىر خوراز ئۇنداق ئاسان بوزەك بولىدىغانلاردىن ئەمەس!».
بۇ «ناش مۇۋازىنەت نەزەرىيەسى»نىڭ ئەڭ كۈچلۈك دەلىلى. بۇ نەزەرىيەدە مۇنداق قۇرلار بار: ناۋادا رەقىبىڭ قارارىڭنى بىلىۋالسا، ئۇنداقتا ئۇ تاقابىل تۇرۇشنىڭ چارىسىنى قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئەڭ ئەقەللىي بىلىم. چۈنكى ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى.