ئەسلىدە بۇنداق بىر يازمىنى يىزىش ئويۇم يوق ئىدى،،لىكىن بۇگۇن مىنىڭ توي قىلغانلىقىمغا دەل 15 يىل بولغان قۇتلۇق كۇن
بولغاچقا،ئەزىزانە قەشقەردىن كىلىدىغان سۆيۇملۇك ئايالىم ۋە ئوماق پەرزەنىتلىرىمنى كۇتۇپ ئولتۇرۇپ ،مۇشۇ يازمىنى يىزىپ تۇرۇپتىمەن،،بىر قىسىم مەزمۇنلىرىنىڭ تورداشتىكى دوسلىرىمغا ئېجابى تەسىر بىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن،،،
مەن 1996-يىلى ئوقۇش پۇتتۇرۇپ ناھيىلىك خەلق ھۇكىمىتىنىڭ بىر ئىشخانىسىغا ئىشقا چۇشتۇم،مىنىڭمۇ كوپلىگەن دوسلارغا ئوخشاشلا تولۇق ئوتتىرا مەكتەپنىڭ ئاخىرىدا بىر قىز بىلەن سالام خەت يىزىشقان تارىخىم بولغان ئەلبەتتە،،،لىكىن بۇ قىز مەن ئالى مەكتەپتە 4 يىل ئوقۇپ بولغۇچە بالدۇرلا ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ توي قىلىۋالدى،نىمىسىنى دەي،،دىل رىشتىمىزغۇ خىلىلا چىڭ ئىدى،لىكىن ئاللاھ ماڭا بۇيرىمىغان ئىكەن ئامال يۇق بۇ ئىشلارغا،،،،
لىكىن ھەممىدىن قىززىقى بۇ مىنىڭ ‹‹ تۇنجى مۇھاببىتىم ››نىڭ ماڭا ئۇدۇل قوشنا بوپ قىلىشى ھەممىدىن قىززىق،،،تەقدىرنىڭ مۇشۇنداق چاقچاقلىرىدىن ئۆرگىلەي،،،ئۇ چاغلاردا بىز بەكلا ئوچۇق ئاشكارا ‹‹قولتۇقلىشىپ يۇرۇپ،كوچىلاردىن چاڭ چىقىرىپ ››يۇرمىگەچكە،ئۇنىڭ ئىرى ۋە مىنىڭ ئايالىم بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز،بىزنىڭ خۇشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىمىزمۇ ئىزچىل ياخشى بوپ كەلدى،ئادەتتە خېلىلا ياخشى ئوتىمىز،
بىزنىڭمۇخۇدىكىمىز ياكى باشقىلارنىڭ ئالدىدا تىل قىسىنچىلىقىمىز بولمىغاچقا،ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە يىقىن،كۆڭلىمىزدىمۇ ھىچقانچە ئاغرىنىش يۇق،،،،دىمەكچى بولغىنىم‹‹،تۇنجى مۇھاببەتنى ئۇنۇتالمىدىم،،،،ئۇنداق بۇلدۇمەي،،،مۇنداق بوپ كەتتىمەي››دىگۇچىلەرمۇ ئاللاھ بەرگەن ئىرىگە ياكى ئايالىغا قانائەت قىلىپ ياشىسا بەخىتسىز بوپ قالمايدىكەن،،،
شۇ ئىش بولۇپ نەچچە ئايلاردىن كىيىن ناھيىمىزدىن 80 كىلۇمىتىر يىراق يىزىغا ‹‹مەرگەزلەشتۇرۇپ تۇزەش خىزمىتى بىلەن باردىم،،،بۇ يەردە يىزىدىن بىللە خىزمەت قىلىشقا كەلگەن بىر قىز ‹‹كۇزۇمگە ئىسسىق كورۇنۇشكە باشلىدى››،ئانام قۇشۇلمىدى،،چۇنكى مەن ئۇ قىزنى دەپ خىزمىتىمنى شۇ يىزىغا يوتكىسەم،ئانام يالغۇز قالاتتى،لىكىن ئۇ قىزنى ناھيمىزنىڭ ئەتىراپىغا يۇتكەپ كىلىش خىلىلا تەس ئىدى،،مەن بۇ ئىشتىنمۇ جىممىدە ۋاز كەچتىم،بۇ ئىشنىمۇ باشقىلارغا داۋراڭ سالمىغاچ،بۇ قىزمۇ توي قىلىپ،پەرزەنىتلىك بولۇپ خىلىلا ياخشى ياشاۋاتىدۇ،،،
يىزىدىكى خىزمىتىم ئاخىرلىشىپ،نەچچە كۇندىن كىيىن بىر خىزمەتدىشىمنىڭ تويىدا ھازىرقى ئايالىم بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قالدىم،ئايالىم ئەمىليەتتىمۇ مىنىڭ تولۇق ئوتتىرا مەكتەپلەردە بىر يىللىقتا ئوقۇغان ساۋاقدىشىم ئىدى،خىلى ياخشى تۇنۇشىدىغان بولساممۇ يەنىلا ،بۇ ‹‹سەھرا چىراي ››قىزغا ئەينى چاغدىلا ئەمەس،ھازىرمۇ ‹‹كۇز -قىرىمنى سالماي›،يۇرەتتىم،بۇ كۇنى مەن ئۇ قىزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۇنى موتىسىكلىت بىلەن بىكەت ئالدىغىچە ئاپىرىپ قويماقچى بۇپ مىڭىپ نەچچە مىنىۇتتىن كىيىنلا مەن يىنىك قاتناش ھادىسىگە ئۇچرىدىم، موتسىكلىتىم خىلىلا چىقىلغان بولسىمۇ لىكىن مىنىڭ يارام ئېغىر ئەمەس ئىدى،،،شۇنداقتىمۇ بۇ قىز،،مىنى قاتناش ساقچىلىرى بىلەن بىللە دوختۇرغا ئاپاردى،بىللە تەكشۇرتۇشلەدە ماڭا ئىزچىل ھەمراھ بولدى.تىخى يۇشۇرۇنچە كۆز يىشى قىلىپمۇ ئۇلگۇردى،،،
مىنى مەجبۇرى بالنىسىتقا ئالدۇرۇپ،يەنە بىر نەۋرە ئاچىسىنى چاقىرىپ ھەممە ئەھۋالنى ئىنىق دەپ،ماڭا بىر كىچە دوختۇردا ھەمراھ بولدى.،،
مەن بالنىسىتتىن چىققۇچە ھەر كۇنلۇكى دىگۇدەك مىنى يوقلاپ تۇردى،،،مەن مۇشۇنداق بىر تەققى تۇرقى ئادەتتىكىچە،لىكىن مىھرى-ۋاپالىق بىر قىز بىلەن نىمىشقا توي قىلمايمەن دەپ،،،ئۇنى ئاخىرى ‹‹سەمىمى مۇھاببىتىم ئارقىلىق باش ئەگدۇردۇم››،،،
مانا بۇگۇنكى كۇنگە قەدەر ئۇ مىنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ ،ھاياتىم،نىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى،بەخىتلىك ئائىلەمنى ،ئوماققىنە بىر ئوغۇل،بىر قىزمىنى تۇغۇپ چوڭ قىلىپ،مىنى دوسلارنىڭ،ئەل -جامائەتنىڭ ئالدىدا‹‹قىچقارسا ئېتى،تۇتسا سىپى بار››ئەركەكلەردىن قىلىپ يىتىشتۇردى،،،
دىمەكچى بولغىنىم،ئايالىم گەرچە مودا خىنىملاردەك سەتەڭ ۋە ئوماقلاردىن بولمىسىمۇ لىكىن، پەقەتلا مەن ئۇچۇن ئاياللىق نازاكىتى تاغ سۇلىرىدەك ئۇخچۇپ تۇرىدىغان،دىلىدا ئىمانى،قەلبىدە پەرزەنىتلىرىم ئۇچۇن مەسئۇلىيەتچانلىق،مەن ئۇچۇن مىھرىبانلىق لىق تۇرغان بۇ ‹‹سەھرا چىراي ››ئايالىمدىن مەن مىڭ مەرتىۋە رازى،،،ئاللاھ شۇ مىھرىبان ھەم كۇيۇمچان ئايالىمنىڭ تىنىنى سالامەت،ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلغاي،،،،
قىنى تورداش دوسلار،،،مىنىڭ بۇ يازمامدىن سىز نىمىنى ھىس قىلدىڭىز كىن؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئاپتۇرى تۇزلۇق،،،