كۆپ قىسىم كىشلەر يۈرەك كېسىلى قوزغالغانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندا روشەن بىشارىتى بولىدۇ.
كۆكرەك ئاغرىش يۈرەك كېسلى قوزغىلىشنىڭ روشەن ئىپادىسى: كۆكرەك بېسىلغاندەك ، قىسىلغاندەك بولۇپ بىئارام بولىدۇ ياكى ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلۈپ 2 مىنۇتتىن ئارتۇق داۋاملىشىدۇ. يۈرەك كېسىلى بارلاردا بۇ ئەھۋال 15 مىنۇتتىن ئارتۇق داۋاملاشسا، چوقۇم دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك.
مەيدە ئاغرىش يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن مەيدە ئاغرىش ئادەتتىكى مەيدە ئاغرىشقا ئوخشىمايدۇ. ئىچى سىقىلىش، ئاشقازان كۆپۈش ئالامىتى بولىدۇ. بەزىدە قىسقا ۋاقىت ئاغرىش، كۆيۇشۇش، قاتتىق ئاغرىش ۋە كۆڭلى ئاينىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، يېرىم سائەتتىن ئارتۇق داۋاملىشىدۇ.
نەپسى جىددىيلىشىش بەزى يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىدا نەپسى جىددىيلىشىش ياكى نەپسى قىسىلىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. بىر نەچچە مىنۇت ئارام ئالغاندىن كېيىن ئەسلىگە كەلگەندەك بولىدۇ. لېكىن، قايتا ھەرىكەت قىلغاندا ھاسراش يەنە كۆرۈلىدۇ.
بەك ھارغىنلىق ھېس قىلىش نورمال ھەرىكەت قىلسىمۇ پۈتۈن بەدىنى ھارغىنلىق ھېس قىلسا، ھەتتا يول ماڭغۇدەكمۇ مادارى قالمىسا، بۇ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان زەئىپلىشىشنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.
ئەگەر يۇقارقى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئاۋۋال نىتروگىلىتسېرىن (شياۋسۈەنگەنيوۋ 硝酸甘油) نى ئىچىش، بەش مىنۇتتىن كېيىنمۇ ياخشىلانمىسا، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.