1. بەرەڭگە ياپراقچىسى
بەرەڭگە ياپراقچىسىنى يەپ بولالمىسىڭىز ئېشىپ قالغىنى ئاسانلا نەملىشىپ قالىدۇ، ئەگەر ئۇنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويسىڭىز تەمى ئۆزگەرمەي يېڭى پېتى تۇرىدۇ. لېكىن ئېرىغاندىراق يەڭ جۇمۇ.
2. شاكىلات
ياز ۋاقتىدا شاكىلاتنى ئېرىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن توڭلاتقۇغا سېلىپ قويىمىز، لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى شاكىلاتنى بىۋاسىتە توڭلاتقۇنىڭ توڭلاش ئىشكابىغا سېلىپ قويسىڭىز شاكىلات چۈرۈكلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئاۋۋال توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش ئىشكابىغا سېلىپ ئاندىن توڭلىتىش ئىشكابىغا سېلىش كېرەك، بۇنداقتا شاكىلاتنى ئالتە ئايغىچە ساقلىغىلى بولىدۇ.
3. كۆممىقوناق
كۆممىقوناقنى سۇدا چالا پىشۇرۇپ، ئاندىن توڭلىتىۋەتسە كۆممىقوناقنىڭ تەركىبىدىكى ئېنزىمنىڭ كۆممىقوناقنىڭ تەمى ۋە رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بۇنداق كۆممىقوناقنى بىريىلدىن ئارتۇق ساقلىغىلى بولىدۇ.
4. پىشقان گۈرۈچ ۋە ئىتالىيە چۆپى
ئېشىپ قالغان گۈرۈچ ۋە ئىتالىيە چۆپىنى توڭلىتىپ قويۇپ، يىيىشتىن بۇرۇن ئازراق سۇ سېپىۋېتىپ مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا قىزىتسا بولىدۇ.
5. توخۇ شورپىسى
توخۇ شورپىسىنى توڭلىتىپ قويسىڭىز4-6 ئايغىچە يېڭى ھالەتتە ساقلىغىلى بولىدۇ. لېكىن توخۇ شورپىسىنى ھەرگىزمۇ مېتال كونسېرۋانىڭ ئىچىگە سالماڭ، ئەڭ ياخشىسى ئاغزى ھىم، توڭلىتىشقا ئەپلىك قاچىنىڭ ئىچىگە سېلىڭ.
6. شاكىلى يوق تۇخۇم
شاكىلى بار تۇخۇمنى توڭلاتسىڭىز تۇخۇم يېرىلىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا تۇخۇمنىڭ شاكىلىنى چېقىپ، تۇخۇمنىڭ ئىچىگە ئازراق تۇز سېلىۋېتىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئاغزى ھىم سۇلياۋخالتىنىڭ ئىچىدە توڭلاتسىڭىز، تۇخۇمنى بىر يىلدىن كۆپ ۋاقىت يېڭى ھالەتتە ساقلىغىلى بولىدۇ.
7. ئۇن
بولكا پىشۇرىدىغان ئۇستامنىڭ ئۇننى قەيەردە ساقلاشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟توڭلاتقۇدا توڭلىتىپ ساقلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى توڭلاتقۇدىن چىققان ئۇن تېخىمۇ يوغىنايدۇ.
8. سامساق
سامساقنى بىۋاسىتە توڭلاتقۇغا سېلىپ ياكى زەيتۇن مېيىغا سېلىپ توڭلاتسا بىرقانچە ئاي ساقلىغىلى بولىدۇ.