ئومۇمىي گەۋدىسىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئۇسلۇبى iPhone يانفونىنىڭ كەينى قېپىغا تولىمۇ ئوخشايدىكەن، بولۇپمۇ ئىشلىتىلگەن ماتىرىيالى، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، شەكلى قاتارلىقلار ئاساسەن ئوخشايدىكەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى ئورۇندا ئازراق ئۆزگىرىش بولغان.
ئالدى بىلەن كامىراسىنىڭ LED لىق چاقماق لامپىسىنىڭ ئورنىدىن تۆشۈك ئېچىلغان، iPhone 5C نۇسخىلىق يانفوننىڭ ئۈستىدىكىدسى يۇمىلاق شەكىلدە لاھىيىلەنگەن iPhone 6C دا بولسا ئېللىپىس شەكىلدە لاھىيىلەنگەن، بەلكىم قوش چاقماق لامپا سەپلەنسە كېرەك. ئۇندىن باشقا تۆۋەن تەرىپىدىكى كاناينىڭ ئورنى بىردىن ئىككىگە ئۆزگىرىپ قالغان.
ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا iPhone 6C نۇسخىلىق يانفوننىڭ لاھىيىسىنىڭ بېكىتىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.