ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى جىنسىي تۇيغۇغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ
تۇغۇت يېشىدىكى ئەر-ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا چوقۇم دۇچ كېلىدىغان مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىلا، ئىنسانلار ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئاماللارنى ئويلاپ تاپقان. قەدىمىي يۇنان ۋە رىم دەۋرىدە، ئاياللار ھەسەل، دەرەخ يىلىمى قاتارلىقلارنى جىنسىي يولىغا سېلىشنى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى قىلغانىكەن. قەدىمىي جۇڭگودا بولسا، ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىغا يىپەكسىمان ماي قەغەز، مونەك رەخت قاتارلىقلارنى سېلىش ئۇسۇللىرىنى قوللانغان... بۇ خىل ئۇسۇللارنىڭ مەغلۇپ بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە جىنسىي تۇرمۇش لەززىتىگىمۇ ئېغىر توسالغۇلارنى ئېلىپ كەلگەن. تىبابەت ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ھازىرقى زامان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تېخنىكىلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشتىن بەھوزۇر بەھىرلىنىشىنى ئىشەنچلىك ۋاستىلار بىلەن تەمىن ئەتمەكتە. لېكىن، يەنىلا بىر قىسىم كىشىلەر ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ۋاستىلىرىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلمەكتە، بىر قىسىم ئەرلەردە ھەتتا بۇ خىل ئەندىشە سەۋەبلىك پىسخىكىلىق توسالغۇ كېلىپ چىقىپ، جىنسىي ئىقتىدار چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. شۇڭا، ئەر-ئايال ئىككىلا تەرەپ ھەر خىل ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىنىڭ جىسنىي تۇرمۇشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىنىڭ زۆرۈرىيىتى بار، دەپ قارايمىز.
ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن ئانىلىق ھورمون ۋە ھامىلدارلىق ھورمونى (ئېستروگېن ۋە پروگېستىن) بولۇپ، كۆپ قىسىم ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جىنسىي تۇرمۇشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى زەررىچىلىك دەپ قاراشقا بولىدۇ. لېكىن ئاز ساندىكى ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بار. مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مۇۋاپىق ئىشلىتىلسىلا، جىسنىي تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن.
بىخەتەرلىك قاپچۇقى (گاندون) ئىشلىتىش نىسبەتەن بىخەتەر ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن نۇرغۇن ئەرلەر گاندون ئىشلەتسە جىنسىي ھوزۇرنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ، دەپ قارايدۇ. ياساش سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، گاندون بارغانسىرى نېپىزلاۋاتىدۇ، سىرتقى كۆرىنىشىمۇ سەرخىللاشتۇرىلىۋاتىدۇ، مەسىلەن، سىرتقى يۈزىدە دانىچىلەر بار ياكى بۇرمىسىمان شەكىلدە دىگەندەك، بۇ خىل يېڭىلىنىشلار گاندوننىڭ جىنسىي ھوزۇرغا بولغان تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپلا قالماي يەنە، جىسنىي مۇناسىۋەت ۋاقتىنى ئۇزارتىشتىمۇ بەلگىلىك پايدىلىق رول ئويناۋاتىدۇ.
ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى تۇغۇتتىن كېيىنكى ئاياللارغا بىر قەدەر ماس كېلىدۇ، نورمال ئەھۋالدا جىنسىي تۇرمۇشقا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بىر قىسىم ئاياللار يېڭى ئۈزۈك سالدۇرغان مەزگىللەردە كۆنەلمەسلىكتىن، ھەيىز مەزگىلى ئۇزىراپ كېتىش، مىقدارى كۆپۈيۈپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرىلىشى مۇمكىن، بىر قىسىم ئاياللاردا بولسا، تۆۋەنكى قوساق ئاغرىقى ياكى ھەيىز مەزگىلىدىكى بەل قوساق ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ جىنسىي تۇرمۇشقا پايدىسىز تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئەگەر ئۈزۈكنىڭ قالدۇق يىپى بالىياتقۇ بوينىدىن ئاجراپ جىنسىي يولغا چۈشۈپ قالسا، مۇناسىۋەت جەريانىدا زەكەرنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جىنسي تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
تۇغماسلىق ئوپىراتسىيىسى ئۆمۈرلۈك ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ، ئاساسلىقى ئاياللارنىڭ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى بوغۇش ۋە ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق توشۇش نەيچىسىنى بوغۇشنى كۆرسىتىدۇ. تۇغماسلىق ئوپىراتسىيىسى جىنسىي ھورمونلارنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىشىغا توسالغۇ بولمايدۇ، شۇڭا جىنسىي تۇرمۇشقىمۇ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. لېكىن ئوپىراتسىيە بىر قىسىم كىشىلەردە پىسخىكىلىق توسالغۇ پەيدا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن، شۇنداقلا ئوپىراتسىيىدىن كېيىن كېلىپ چىقىدىغان بىر قىسىم ئەگەشمە كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن جىنسىي تۇرمۇشمۇ تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن، مەسىلەن، ئوپىراتسىيىدىن كېيىن ئاياللاردا كۆرىلىدىغان ياللۇغلىنىش قاناش، ئەرلەردە كۆرىلىدىغان يەرلىك ئورۇندا قاتتىق تۈگۈنچە پەيدا بولۇش، قوشۇمچە ئۇرۇقداندا تىنما شەكىللىنىش قاتارلىقلار.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىرقى زامان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ۋاستىلىرى جىنسىي تۇرمۇشقا توسقۇنلۇق ئېلىپ كەلمەيدۇ، ئەكسىچە تاساددىبىي ھامىلدار بولۇپ قېلىش تەشۋىشىدىن خالاس قىلىپ، جىنسىي تۇرمۇشقا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى ئەرلەر بۆلۈم مەركىزى تەييارلىدى.