تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئوكۇل ئۇرمىسىمۇ ساقىيىدىغان كېسەللىكلەر ئېلان قىلىندى

يېقىندا «خەلق گېزىتى»نىڭ ئۈندىدارىدا مۇتەخەسسىسلەر يەكۈنلىگەن، ئوكۇل ئۇرمىسىمۇ ساقىيىدىغان كېسەللىكلەر ئېلان قىلىندى.

ئىچكى كېسەللىكلەر

1. يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش: ئادەتتىكى زۇكام، ۋىرۇسلۇق يۇتقۇنچاق ياللۇغى.

2. ئۆتكۈر كاناي ۋە كانايچە ياللۇغى(بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38 گرادۇستىن ئاشمىغان ئەھۋالدا).

3. كانايچە كېڭىيىش مەنبەلىك سوزۇلما ياللۇغلار.

4. كانايچە زىققىسى، يەنى سوزۇلما مەزگىلى ۋە پەسىيىش مەزگىلىدە.

5. ئۆپكە تۇبېركۇليوز(يۇقۇشچان ئۆپكە تۇبېركۇليوزىدىن باشقىلار)

6. ئارىلىق توقۇلما مەنبەلىك ئۆپكە كېسەللىكلىرى، يېنىك دەرىجىدە نەپەس سىقىلىش.

7. سوزۇلما توسۇلۇش تىپىدىكى ساقىيىشقا باشلىغان ئۆپكە كېسەللىكلىرى.

8. مەلۇم كېسەللىك سەۋەب بولمىغان سۇ چېچىكى، يۇقۇشچان قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغى(گۈرەن بەز)، يەلتاشما.

9. ئوتتۇرا باسقۇچتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى.

10. سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى.

11. سۇسىزلىنىش، ئېلېكترولىت قالايمىقانلىشىش مەنبەلىك يۇقۇمسىز ئىچى سۈرۈش.

12. ئاشقازان چىقىش ئېغىزىدىكى بۇرما تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملىنىش.

13. دەسلەپكى بوغماق ئۈچەي ياللۇغى.

14. ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى مەنبەسىز جاراھەت.

15. كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق بولغان، ئىقتىدارى توسۇلۇش مەنبەلىك جىگەر كېسىلى.

16. تەكرار تەكشۈرۈشتە ئورگانىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولمىغان ئاشقازان ۋە ئۈچەي كېسەللىكلىرى.

17. ئۆتكۈر دوۋساق ياللۇغى.

18. بىرىكمە كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان ئىستىخىيىلىك كۆكرەك چىڭقىلىش كېسىلى.

19. يۈرەك دالانچىسى ياكى يۈرەك قېرىنچىسى تىترەش كېسىلى.

20. مېتابولىزم مەنبەلىك قوزغىلىشچان ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى.

21. ياشانغانلاردىكى سەۋەبسىز دېۋەڭلىك، يۈز مۇسكۇلى تارتىشىش، ھەرىكەت نېرىپلىرى كارغا كەلمەسلىك كېسەللىكلىرى.

22. تۇتقاقلىق(كېسەل داۋاملىشىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان، قوزغىلىش قېتىم سانى كۆپ بولمىغانلار).

23. 1-2-دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى(جىددىي بولمىغان).

24. بۆرەك مەنبەلىك قان ئازلىق ۋە باشقا دەسلەپكى باسقۇچتىكى بۆرەك كېسەللىكلىرى.

تاشقى كېسەللىكلەر

1. بەدەن سىرتىدىكى ئۆسمىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسىدىن كېيىنكى ئاغرىقلار.

2. تاشقى بەدىنى يۇقۇملانغانلار(قىزىمىغان، قان بېسىمى نورمال بولغانلار).

3. يېنىك دەرىجىدىكى يۇمشاق توقۇلما زەخىمىگە ئۇچراش.

4. كىچىك تىپتىكى بەدەن تاشقى ئوپېراتسىيىسى.

5. يۈزە ۋېنا ياللۇغى.

6. ياشانغانلاردىكى سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى.

7. قۇتۇپسىز بويۇن ئومۇرتقىسى ئارىلىق تەخسىسى چىقىپ قالغان ۋە ئومۇرتقا نەيچىسى تارايغانلار.

8. ئوپېراتسىيە قىلىنماي داۋالانغان پۇت ياكى قول سۇنۇش.

9. سوزۇلما بۇزۇلۇش تىپىدىكى كېسەللىك.

10. سوزۇلما دوۋساق ياللۇغى.

11. سوزۇلما مەزى بېزى ياللۇغى.

12. مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىش.

13. بىرىكمە كېسەللىك مەنبەسى يوق بۆرەككە تاش چۈشۈش.

14. ئۇرۇق خالتىسى ياللۇغى.

15. ئۆتكۈر بۇرۇن ياللۇغى، تۈرلۈك سوزۇلما بۇرۇن ياللۇغى، رېئاكسىيە تىپلىق بۇرۇن ياللۇغى، ئۆتكۈر بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى.

16. ئۆتكۈر ئاددىي يۇتقۇنچاق ياللۇغى، سوزۇلما يۇتقۇنچاق ياللۇغى، ئۆتكۈر ئاددىي بادام بەز ياللۇغى.

17. ئۆتكۈر بوغۇز ياللۇغى(قايتا قوزغالغانلاردىن باشقىلار)، سوزۇلما بوغۇز ياللۇغى.

18. ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما تاشقى قۇلاق يولى ياللۇغى، ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، تاشقى قۇلاق ھۆل تەمرەتكىسى، ناغرا پەردە ياللۇغى.

بالىلار كېسەللىكلىرى

1. يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، كېسەللىك بايقىلىپ ئۈچ كۈن ئىچىدە بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38 گرادۇستىن ئاشمىغان، رەڭگى-روھى ياخشى بولغان بالىلار.

2. ئىچ سۈرۈش: يېنىك دەرىجىدە سۇسىزلانسا، ئۇسسۇلۇق ئىچسىلا بولىدۇ.

3. كاناي شاخچىلىرى ياللۇغى: ئازراق ھاسىراپ قالغانلار.

4. قول-پۇت ۋە ئېغىزغا ئەسۋە چىقىش ياكى قاپارتمىلىق يۇتقۇنچاق- بوغۇز ياللۇغى: قىزىمىسا، رەڭگى روھى ياخشى بولسا، قېنىدا باشقا ئالامەتلەر بولمىسا ئوكۇل ئۇرمىسىمۇ بولىدۇ.

 

 

 

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز