تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئەرلەرنىڭ «ئىنكاسسىز پەيت» ى

ئەرلەرنىڭ «ئىنكاسسىز پەيت» ى

  ئىنكاسسىز پەيت ئەرلەرگە خاس بولىدۇ. ئۇ ھەر قانداق بىر ئەر كىشىنىڭ ھەر قانداق بىر قېتىم جىنسىي قوزغىلىشى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن (كۆپىنچە مەنىي چىقىرىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، ئەمما مۇتلەق ئەمەس) دىن كېيىن، ھامان قىسقا ياكى ئۇزاقراق ۋاقىتتا سىرتقى جىنسىي غىدىقلاشقا جىنسىي قوزغىلىش يۇقىرى پەللىگە يېتىشتىن ئاۋۋالقىدەك ئىنكاس قايتۇرمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئىنكاسسىز پەيتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ئادەتتە ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەرلەر قانچە ياش بولغانسېرى شۇنچە قىسقا بولىدۇ، شۇڭا، يېڭى توي قىلغان يىگىتلەر ئۆزىنى ئىنكاسسىز پەيتىم يوق دەپ «بەك قالتىس» چاغلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەرىكەتتىن توختىغان ئاشۇ قىسقىغىنە پەيتتە ئۇلارمۇ ئاددىي ئادەملەرگە ئوخشاش.

ئىنكاسسىز پەيتنىڭ كونكرېت شەكىللىنىش سەۋەبى تېخى ئانچە ئېنىق ئەمەس، لېكىن، ئادەتتىكى ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ ئۇنى قانداق چۈشەندۈرىشىڭىزگە باغلىق.

  ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان خاتا قاراش ئىنكاسسىز پەيتنى جىسمانىي جەھەتتىن ھارغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراشتۇر، شۇڭا، خوتۇن بولغۇچىمۇ ئېرىگە ياخشى نەرسىلەرنى، جۈملىدىن قۇۋۋەت دورىلىرى ھەتتا «باھنى كۈچەيتكۈچى دورا» لارنى يېگۈزىدۇ. ئەمەلىيەتتە جىنسىي قوزغىلىش يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە جىددىيلىشىشى بولغاچقا، نۇرغۇن ئىشنى تۈگىتىپلا بېشىنى چۈمكەپ ئۇخلايدۇ، ھېچ بولمىغاندىمۇ روھىي تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ھەقىقەتەنمۇ جىسمانىي قۇۋۋىتى كۆپ سەرىپ بولغانلىقتىن بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا نېمىشقا بەزى ئەرلەر ھەرىكەت قىلمايدىغان جىنسىي ئالاقە ئۇسۇلىنى قوللانغاندىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ.

  كۆپ ئۇچرايدىغان يەنە بىر خاتا قاراش ئىنكاسسىز پەيتنى ئۆزىنىڭ «شەھۋەتكە بېرىلىپ كەتكەن»لىكىگە بېرىلگەن جازا دەپ قاراش بولۇپ، ياشانغان ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. خۇددى جىنسىي يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە بىر قېتىمقىسى يەنە بىر قېتىمقىسىغا ئوخشىمىغاندەك، ئەرلەرنىڭ ئىنكاسسىز پەيتتىكى سېزىشچانلىقىدىمۇ بىرقەدەر زور ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. ياش ۋاقتىدا راھەتلەنگەندەك ھېس قىلغان بولسا، ئوتتۇرا ياشلىق چېغىدا ئارام بىلىنىدۇ، قېرىغاندا: «ھەي، بۇنىڭ يەنە نېمە ھاجىتى!» دەپ چۈشىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ پەقەت يۈرىكى قېرىغانلىقنىڭ ئىپادىلىرىنىڭ بىرى. ئىنكاسسىز پەيت ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىغا نىسبەتەن تەبئىي مۇھاپىزەت ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا جىنسىي غىدىقلىنىشىنى شەھۋانىيلىققا تايىنىپ ئاشۇرمىسىلا، ھەر قانداق ئەرمۇ راستىنلا «شەھۋەتكە بېرىلپ كەتكەن» ھېسابلانمايدۇ. ئاتالمىش «ماغدۇرىدىن كېتىپ ئۆلۈش»، «ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار» دېگەندەك سۆز- چۆچەكلەرگە كەلسەك، ياكى ئىنكاسسىز پەيتنى ئۆزى بۇزۇپ تاشلىغانلىقتىن، ياكى جىنسىي قوزغىلىش يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىكى نېرۋا جىددىيلىكى باشقا يوشۇرۇن كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلغانلىقتىن بولىدۇ. خاتالىق جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئۆزىدە بولماستىن، كېسەلنى بىلمىگەنلىك ياكى ئىرەن قىلمىغانلىقتا.

  ئۆزىنىڭ ئىنكاسسىز پەيتنى قانداق چۈشەندۈرۈش شۇ ئەرنىڭ پۈتكۈل جىنسىيەت كۆز قارىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئىنكاسسىز پەيتنىڭ ئۇزىرىغانلىقىنى ئاسانلا خاتا ھالدا ئالدىنقى يېرىم ئۆمرىگە بېرىلگەن جازا دەپ قارايدۇ، بۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە قارىغۇلارچە ئىشىنىدىغان بەزى ئەرلەرگە ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ياش چاغلىرى بولسىمۇ دائىم جىنسىيەت كۆز قارىشى ۋە جىنسىي تۇرمۇشتا قېرىلىق يېتىپ، تېگىشلىك قانائەت ۋە خۇشاللىققا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ.

  ئەكسىچە، ئىنكاسسىز پەيتنى توسالغۇ كۆرۈلگەنلىك دەپ قارايدىغانلارمۇ پەيدا بولدى، ئەلۋەتتە. شەھۋانىي نەرسىلەرنى كۆرىدىغانلار، جىنسىي ھەۋەسنى ئۇرغۇتقۇچى دورىلارنى ئالىدىغانلار ۋە قۇۋۋەت بۇيۇملىرىنى كەلسە-كەلمەس يەيدىغانلار ئۆز رازىلىقى بىلەن «زىيان تارتتى»، «بىلمىگەن بولۇۋالدى» بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى «شامال چىقمىسا دەرەى لىڭشىمايدۇ» دېگەندەك ئىش قىلغان بولسا، بەزىلىرى نوقۇل ھالدا قىزىقىپ شۇنداق قىلدى، لېكىن مۇشۇنىڭ بىلەن ئىشنى ئوڭشىۋېلىشنى ياكى «ياشلىقىغا قايتىش»نى ھەتتا «ماھارەت ھازىرلاپ كارامەت كۆرسىتىش» نى ئويلايدىغانلار ئالدى بىلەن كۆز قارىشى ۋە پسخىكىسىدىكى مەسىلىنى تەكشۈرۈپ بېقىشى كېرەك.

 




تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز