ئامېرىكا «كىلىنىكا ئىچكى ئاجراتما ئىلمى ۋە مېتابولىزم»گېزىتىدىكى بىر تەتقىقاتتا 2010-يىلىلا 3000 دىن ئارتۇق تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ بوينىنى ئۆلچىگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ قان بېسىمى، قاندىكى ماي مىقدارى، قاندىكى شېكەر مىقدارى قاتارلىقلارنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە بوينى قانچە توم بولسا، قان-تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ شۇنچە يۇقىرىلىقى بايقالغان.
بوينىڭىزنى ئۆلچەپ تۇرۇڭ، بۇ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتمىسۇن
ئەرلەرنىڭ بويۇن ئايلانمىسى39سانتىمېتىردىن، ئاياللارنىڭ بويۇن ئايلانمىسى35سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
بويۇن ئايلانمىسىنى ئۆلچىگەندە، رولېتكىنى بويۇننىڭ ئەڭ ئىنچىگە يېرىگە تۈز قويۇپ، بويۇن ئالدىدىكى بۇغدىيەكنىڭ ئاستىغىچە ئۆلچەيمىز.
ئەگەر بوينىڭىز بۇ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە غىزالىنىڭ!
1. قورۇما قورىغاندا زەنجىۋىل ۋە سامساقنى كۆپرەك سېلىۋېتىڭ
زەنجىۋىلنىڭ تەركىبىدە زەنجىۋىل ئاچچىق ئېلېمىنتى بار، يۈرەك ۋە قان-تومۇرلارغا پايدىسى بار، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىدۇ. سامساقنىڭ تەركىبىدە فلاۋون بولۇپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مېڭە ۋە يۈرەكنى قوغداشتا مۇھىم رولى بار.
2. ھەركۈنى بىر تال قاتتىق پوستلۇق مېۋە يىيىش كېرەك
ھەركۈنى بىر قوشۇقچىلىك قاتتىق پوستلۇق مېۋىنى دانلىق زىرائەت ۋە كۆكتات، مېۋە-چېۋە بىلەن بىللە يىيىش كېرەك. قاتتىق پوستلۇق مېۋىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بار، قاندىكى خولېستېرىننى تۇتۇپ تۇرۇشقا ياردەم بېرىپ،يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
3. تۇز يىگەندە تۆۋەن ناترىي تۇزنى تاللاش كېرەك
يۇقىرى ناترىي تۇزنى ئىستېمال قىلغاندا، يۇقىرى قان بېسىم كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، قان-تومۇرلارنىڭ قېتىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇڭا چوقۇم تۆۋەن ناترىي تۇزنى تاللاپ، يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.
4. ياڭيۇنى كۆپرەك يىيىش لازىم
ياڭيۇدا مول كالىي،Vc,VB1,VB2 ۋە تائام تالاسى بار، بۇلار يۈرەك، قان-تومۇرلارغا بەك پايدىلىق. نۆۋەتتە ياڭيۇ يۈرەك، قان-تومۇر ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېمەكلىك قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
5. چاي ئىچكەندە «پۇخۇا» چېيىنى تاللاش لازىم
«پۇخۇا» چېيىنىڭ ئىسسىق ئېشىشنى داۋالاش رولىلا بولۇپ قالماستىن، يۈرەك، قان-تومۇرلارنىڭ قېتىشىۋېلىشىنى كېچىكتۈرۈش رولى بار، قان-تومۇرلارنى قوغدايدۇ.