تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تاللانغان رازۋېتكا ھېكايىلىرى (21)-دۆت قاتىل

تاللانغان رازۋېتكا ھېكايىلىرى(21)

دۆت قاتىل

رازۋېدچىكلار باشلىقى جېك سىتېۋېننىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئىككىسى بىللە دەرھال فېلىپنىڭ ئۆيىگە كەلدى.

« مۇشۇ نەچچە كۈندىن بېرى تاغامغا بىرسى دىققەت قىلىپ يۈرگەن» دېدى سىتىۋىن، «چۈنكى ئۇ ناھايىتى كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنىدى، ئۇ پۇللارنى مەخپىي خانىدىكى تام ئىشكابى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرغان بىخەتەر ئىشكاپقا سېلىپ قويغان، يامان يېرى، تاغام بۇ ئىشنى ئانچە مەخپىي تۇتمىغان».  

«سىز بۈگۈن ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ باقتىڭىزمۇ؟» رازۋېدچىكلار باشلىقى سېتىۋىندىن سورىدى.

 «ئۇ كەچلىك تاماققا كەلمىدى، ئۇنىڭغا تېلېفون بەرسەم ئالىدىغان ئادەم يوق ئىكەن». ئۇلار ئىككىسى لېفىت بىلەن 20-قەۋەتكە چىقىپ، فېلىپنىڭ ئۆيىگە كىردى. ئىشىل قۇلۇپلانغان بولۇپ، ئىشىكتىن كىرگەندىكى ئۆيدە بىر چىراق يېنىقلىق تۇراتتى. 

«مەخپىي خانىنى كۆرۈپ باقايلى» دەپ تەكلىپ بەردى رازۋېدچىكلار باشلىقى جېك. سىتېۋېن بېشنى لىڭشىتىپ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى، ئۇلار قاراڭغۇ كارىدوردىن مېڭىپ ئىشىك تۈۋىگە كەلگەندە ئىشىكنى تىڭشىۋەتكەندىن كېيىن: «بۇ يەردە بىر چىراق بار» دېدى سېتىۋىن، ئاندىن ئۇلار قاپقاراڭغۇ ئۆينىڭ ئىچىگە كىردى. 

چىراقنى ياققاندىن كېيىن، ئۆي ئىچى كۈندۈزدەك يورۇپ كەتتى، شىرەنىڭ كەينىدىكى بىخەتەرلىك ئىشكاپى ئوچۇق ئىدى، سىتېۋېن ئۇنىڭ ئالدىدىكى تامنىڭ بۇلۇڭىدا تۇراتتى، ئۇنىڭ بىر قولى چىراقنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، چىرايى بىر خىل ۋەھىمىلىك تاتىرىپ كەتكەنىدى، ئۇنىڭ تاغىسى پۇل ئۈستىدە ياتاتتى، ھېچكىم ئۇنىڭغا چېقىلمىغان ئىدى. 

سىتېۋېن تاغىسىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ« ئۇ ئۆلۈپتۇ» دېدى. 

جېك فېلىپنىڭ يېنىدا زوڭزىيىپ:« ياق، ئۇنىڭ مېڭىسى قاتتىق زەربە يېگەن، لېكىن ئەجەللىك ئەمەس، سىز راستتىنلا تەلەيلىك ئىكەنسىز، سىز مېنى قايمۇقتۇرماقچى بولدىڭىز، لېكىن ئاخىردا ئۆزىڭىزنىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلىدىڭىز»دېدى.

 سېتىۋىن قۇيرۇقىنى تۇتقۇزۇپ قويغانىدى.

ساقچىلار نېمىگە ئاساسەن سىتېۋېننىڭ قاتىل دەپ ھۆكۈم قىلدى؟ 


رازۋېتكا ھېكايىلىرى(20)نىڭ جاۋابى:

سائەت 8دىن 20مىنۇت ئۆتكەندە تام سائىتىگە پۇرژىنا سالغىلى بولمايدۇ، چۈنكى سائەتنىڭ ئۇزۇن، قىسقا سېتىرىلكىرى پۇرژىنا سالىدىغان ئاچقۇچنىڭ تۆشۈكىنى توسۇۋالىدۇ، قول سائىتى، قوڭغۇراقلىق سائەتلىرىگە بولسا مۇشۇ ۋاقىتتا پۇرژىنا سالغىلى بولىدۇ. 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز