يېسىۋېلەك تەركىبىدىكى سۇ مىقدارى ۋە يېمەكلىك تالاسى ئىنتايىن مول بولۇپ، بۇلار قەۋزىيەتنى ياخشىلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، يېسىۋېلەكنى ئۇششاق پارچىلاپ، مېۋە شەربىتى چىقىرىش ماشىنىسىغا سېلىپ، سۈيىنى چىقىرىپ ئىچكەندە، قەۋزىيەتنى ياخشىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن.