تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
يىگىتىڭىز پۇل خەجلەپ بەرسە

يىگىتىڭىز پۇل خەجلەپ بەرسە

پۇل خەجلەشكە ئامراق كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسى قۇيۇق بولىدۇ. قىزلار مۇھەببەتلەشكەندە يىگىتلەرنىڭ «قولى ئۇچۇق»لۇقىغا قاراپ باھا بېرىشنى ئاساس قىلىپ قالىدۇ، ئۇنداقتا ئەمەلىيەت شۇنداق بولامدۇ-يوق؟ قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇپ بېقىڭ:
مۇھەببەتلىشىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى: بۇ مەزگىلىدە سىزگە پۇل خەجلەپ بېرىشنى خالىمىسا، بۇ ئۇنىڭ سىز بىلەن داۋاملىق تەرەققىي قىلىشنى ئويلىمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ،چۈنكى ئۇ سىزنى مەبلەغ سېلىشقا ئەرزىمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ مەزگىل يىگىتلەرنىڭ مەردلىكىنى نامايەن قىلىدىغان مەزگىل، ھەقىقىي سۆيىدىغان ئادىمىگە يولۇقسا، ھەرقانچە كۆزى كىچىك يىگىت بولسىمۇ مەردلىشىپ كېتىدۇ.


مۇھەببەتلىشىشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى: يىگىتىڭىز بۇ مەزگىلدە يەنىلا سىزگە پۇل خەجلەپ بېرىشنى خالىمىسا، ئۇنىڭ مىجەزىنى تۇنۇپ يەتسىڭىز بولىدۇ. بۇنداق يىگىتلەر ئۆز بايلىقىدىن سۆيگىنى بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى خالىمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسىڭىز ئۆز ئالدىڭىزغا كەسپىڭىز، ئىگىلىكىڭىز بولسۇن، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئورۇندا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرۈپ تۇرۇشىڭىز كېرەك، بولمىسا، ئۇ بايلىقنى كۆز-كۆز قىلىدىيۇ، سىزگە خەجلەپ بېرىشتىن قاچىدۇ.

مۇھەببەتلىشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى: يىگىتلەر بۇ مەزگىلدە سىز ئۈچۈن پۇل خەجلەپ بېرىشتىن باش تارتسا، توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ مۇھەببىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ.ئۇنىڭچە ئەمدى سىزنىڭ ئالدىڭىزدا بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا توي توغرىسىدا سۆز ئاچسىڭىز، پىكرىڭىزگە قارشى تۇرۇشى ناتايىن.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۆيى ئۈچۈن پۇل خەجلەپ، سىرتتىكىلەردىن ئايايدىغان ئەرلەر ئۆيىنى سۆيىدۇ، بىراق سىرتتىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئاتا-ئانىسىغا پۇل خەجلەشكە ئايانمايدىغان، بىراق قېيىنئاتا-قېيىنئاپىسىغا پۇل خەجلەشنى خالىمايدىغان ئەرلەر شەخسىيەتچى كېلىدۇ، بۇنداق ئەرلەر بىلەن توي قىلسىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ كەسپىڭىزنى تاشلىماڭ. لايغەزەل ئەرلەردىن يىراق تۇرۇڭ، ئۇلار بايلىقىڭىزنى ئاتىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ، ئۇلارنىڭ پۇل تېپىش، ئىقتىساد قىلىش ئېڭى يوق،ئۆزىنى چەكلەش ئېڭىمۇ يوق
.

مەنبە..............خاتىرەمدىن

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز