ئابلىكىم ھاجىيوف شېئىرى
ھەر سەھەردە ئۆتەر ئىدى بۇ يولدىن،
ھاسا تۇتقان ئاپئاق چاچلىق بىر موماي.
تۈگۈنچىكى كۆتۈرۈكلۈك قولىدا،
نەگە بارار دەپ ئويلىدىم ئۇخلىماي.
سورىدىممەن ئاخىر بىر كۈن مومايدىن:
-موما، بۇنچە سەھەر نەگە ماڭدىلا؟
ئۆيدە يېتىپ ئارام ئالماي سوغۇقتا
يۈرسىڭىز– ھە، ئاغرىپ يېتىپ قالماملا؟
دېدى موماي: نەۋرەم ئاغرىق بالنىستتا،
بۇ كۈنلەردە يوق كۆڭلۈمنىڭ ئارامى.
چىدىمايمەن ئۇنى بىردەم كۆرمىسەم،
چۈنكى نەۋرەم ھاياتىمنىڭ داۋامى.
ئانىسىنى تۇغۇپ، بېقىپ چوڭ قىلىپ،
موماي قاپتۇ، يەنە مۇشۇ جەبرىگە.
دېدىم: موما ئەمدى ئارام ئېلىڭچۇ
ئاتىسى ھەم ئانىسى بار نەۋرىگە.
دېدى موماي: پەرزەنت كۆرۈش شادلىقكەن،
ئەمما نەۋرە پەرزەنتتىنمۇ تاتلىقكەن.
نەۋرەم ئۈچۈن جاپا چەكسەم قانچىلىك
ئۇ جاپالار مېنىڭ ئۈچۈن چاغلىقكەن.
ئوخشاتقىن
ئەھمەتجان تۇرۇپ شېئىرى
كېچەڭدىن يۇلقۇنۇپ چىقسام مېنى چاقماققا ئوخشاتقىن،
ساڭا كۆكلەم بولۇپ قونسام مېنى ياپراققا ئوخشاتقىن.
خۇمارى تۇتسا كۆز تىككەي غەيۇر ئەركەككە بۇ دۇنيا،
گۇلاپ تۇتسام ئاڭا بىر جام مېنى قايماققا ئوخشاتقىن.
تۇرار يەلكەمدە قۇشلارنىڭ ساناقسىز چاڭگىسى غەمكىن،
ئۇنى قىرغاققا يەتكۈزسەم مېنى قولۋاققا ئوخشاتقىن.
ۋاپا دەرياسىنى دائىم قېنىمدەك قاينىتىپ كەلدىم،
يۈرەكتىن ئۇچسا بوز تورغاي مېنى قونداققا ئوخشاتقىن.
سەپەردىن يانغۇچە ئەھمەد ئۆزىگە لىققىدە تولغاي،
قۇياش چۆككەندە باغرىمغا مېنى تۇپراققا ئوخشاتقىن.