سۇمرۇغ پەن-تېخنىكىسى خەۋىرى، نوكىيا بۈگۈن چۈشتىن كېيىن چەتئەل ئاخباراتىنىڭ <<نوكىيا ئاندروئىد يانفونى ئېلان قىلىشى مۇمكىن>> ناملىق خەۋىرىگە قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: <<بىز يەنىلا Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىسىغا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرىمىز، يۇقىرىقى خەۋەر بىر ئۇقۇشماسلىق. >>
نوكىيانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىتىۋىن ئېلوپ يېقىندا بىر زىيارەتتە مۇخبىرلار تەرىپىدىن نوكىيا ئاندروئىد يانفونى ئېلان قىلىشنى ئويلىشىپ باقتىمۇ دەپ سورالغان، ئېلوپ جاۋاب قايتۇرۇپ گەرچە مىكروسوفت بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز كىشىنى مەمنۇن قىلسىمۇ، لېكىن كەلگۈسىدە ھەممە ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن دېگەن. مۇخبىرلار بۇ جاۋابنى خاتا چۈشىنىپ نوكىيا ئاندروئىد يانفونى ئېلان قىلىشى مۇمكىن دەپ خەۋەر بەرگەن.
چۈشتىن كېيىن نوكىيا بايانات ئېلان قىلىپ، ئاخبارات ۋاستىلىرى زىيارەت مەزمۇنىنى خاتا چۈشىنىپ قاپتۇ دېگەن، ۋە ئۆزى تەرجىمە قىلغان ئەسلى زىيارەت مەزمۇنىنى ئېلان قىلغان:
سوئال: سىز نوكىيا 2013-يىلى ئاندروئىد يانفونى ئېلان قىلمايدۇ دەپ جەزىملەشتۈرەلەمسىز؟
جاۋاب: مېنىڭچە، نۆۋەتتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئېكولوگىيىلىك سىستېمىسى جېڭىدە بىز مىكروسوفت بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىپ، بىرلىكتە Windows Phone نىڭ سالماق قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىمىز. ھالبۇكى، بىز ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قارىسىغا ئىشلىمەيمىز، بەلكى توختىماي كۆزىتىمىز، ئويلىنىمىز، ۋە كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى تەتقىق قىلىمىز، مەسىلەن HTML5 كەلگۈسىدە قانداق رولنى ئوينايدۇ؟ باشقا مەشغۇلات سىسېتېمىسى، يەنى ئاندروئىد قانداق تەرەققىي قىلىدۇدېگەندەك. ئەگەر بىزنىڭ نۇقتىلىق تەرەققىيات نىشانىمىزنى سورىساڭلار، ئۇ شۈبھىسىزكى Windows Phone.