تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش باشلاندى

 

ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپلىرىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمىتىنى ئىشلەشكە تاللانغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلىدىغان كادىرلار 13-ئاۋغۇست ئۈرۈمچى شەھەرلىك 67-ئوتتۇرا مەكتىپىدە تەربىيەلىنىشكە باشلىدى.

ئۇقۇشىمچە، جايلاردىن كەلگەن 380نەچچە ئوقۇتقۇچى ۋە كادىر ئوقۇش جەريانىدا پارتىيەنىڭ مىللەت ۋە دىن سىياسىتى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپلىرىغا ئالاقىدار سىياسەت-بەلگىلىمىلەر قاتارلىق مەزمۇنلاردا دەرس ئاڭلايدىكەن.كۇرس ئاخىرلاشقاندا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەربىيەلەشكە قاتناشقان ئوقۇتقۇچى، كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاپ، لاياقەتلىك بولغانلارنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەرگە ئەۋەتىدىكەن.ئاپتونوم رايونىمىز 2000-يىلىدىن ئېتىبارەن ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 11تۈركۈمدە 1113ئوقۇتقۇچى، ئالىي مەكتەپلەرگە بەش تۈركۈمدە 352كادىر، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپلىرىغا ئىككى تۈركۈمدە 122ئوقۇتقۇچى ئەۋەتكەن.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز