تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
پۇرچاق ئۇيۇتمىسى يېيىشتىكى پەرھىزلەر

 1. پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى كۆپ يېيىش ھەزىمنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پۇرچاق ئۇيۇتمىسىدا ئاقسىلنىڭ مىقدارى مول بولغاچقا بىر قېتىمدىلا كۆپ يەۋالغاندا تۆمۈرنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپلا قالماي، يەنە ئاقسىلنىڭ ھەزىم قىلىنىشىمۇ ناچارلىشىپ قورساق كۆپۈش ۋە ئىچى سۈرۈش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزراق بولىدۇ، ئەگەر بىر قېتىمدا قوبۇل قىلىنغان ئۆسۈملۈك ئاقسىلى كۆپ بولۇپ كەتسە بۆرەكنىڭ يۈكى ئارتىپ، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى تېزلىشىپ سالامەتلىككە تەسىر يېتىدۇ.

    2. پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى ئەڭ ياخشىسى يەككە ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. پۇرچاق ئۇيۇتمىسىدا كالتسىينىڭ مىقدارى يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنى يەككە ئىستېمال قىلغاندا ئۇنىڭدىكى كالتسىينىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ قېلىپ، كالتسىي ئىسراپچىلىقى يۈز بېرىدۇ. ئەگەر پۇرچاق ئۇيۇتمىسى بىلەن تەركىبىدە ۋىتامىن D مول بولغان يېمەكلىكلەرنى بىللە يېگەندە كالتسىينىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

    3. پۇرچاق ئۇيۇتمىسىدا ئوزۇقلۇق تەركىبلەر مول بولسىمۇ، يېمەكلىك تالالىرى ئازراق بولىدۇ. شۇڭا يېمەكلىك تالالىرى مول بولغان كۆكتات ۋە قېرىنقۇلاق (مور)لارنى پۇرچاق ئۇيۇتمىسى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا يېمەكلىك تالالىرى يېتىشمەسلىكنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا پۇرچاق ئۇيۇتمىسى پىشۇرغاندا ئازراق لامنارىيە ۋە زىسەي (قىزىل دېڭىز يوسۇنى) قاتارلىق تەركىبىدە يود مىقدارى يۇقىرى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى قوشۇۋەتكەندە، تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز