تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
داڭلىق رىژسسور - شىرزات ياقۇپ ئەپەندى

ئەل سۆيگەن تۆھىپىكار سەنئەتكارىمىز   شىرزات ياقۇپ

 سىزنىڭ ئەڭ سادىق تاماشبىنىڭىز ھەم ئادىل باھالىغۇچىڭىزدۇر...

 

تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيەسىنىڭ 1-دەرجىلىك رېژىسسورى، ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق كىنو سەنئەتكارى شىرزات ياقۇپ 1962-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1985-يىلى بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىنىڭ رەسىم فالۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيەسىگە تەقسىم قىلىنغان.

شىرزات ياقۇپنىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىدا ئۈگەنگىنى خۇدىژنىكلىك كەسپى بولغاچقا ئىستودىيەگە كەلگەن دەسلەپكى مەزگىللەرىدە «تىنىچسىز قۇمباغ»، «ساھىبجامالنىڭ ئۆلۈمى»، «شەيتانكەرىشتىكى روھ»، «مۇھەممەد ھەققىدە پاراڭ»، «ئانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى»، «ئۆزۈمگە قايتۇرۇپ بەر»، «شەيتان بىلەن ساقچى»، «تىمتاس گۇگۇم»، «سەرسانلار»، «ئەزىمەتلەر تانسىخانىسىدىكى ئايال چولپان»، «مۇھەببەت مەستانىلىرى» قاتارلىق فىلىملەرنىڭ خۇدىژنىكلىقىنى قىلغان. ئۇ بۇ جەرياندا ئاستا-ئاستا رېژىسسورلۇق كەسپىگە ئىشتىياق باغلاپ «گۇاڭجۇغا كەلگەن شىنجاڭلىق بالا»، «ئۆتەڭ مېھرى»، «دوزاخقا سەپەر» قاتارلىق فىلىملارنىڭ ئىجرائىيە رېژىسسورلىقىنى قىلىپ، رېژىسسولۇق جەھەتتە ئۆزىگە بەلگىلىك ئاساس ياراتقان. ھەمدە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ «دوست خېنىم»، «سىگاھ مۇقامى» قاتارلىق پىلاستىنكىلارنىڭ، «قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ؟»، «بۇ چۈش ئەمەس»، «چىن سۆيگۈ»، «كېچىكىپ ئېچىلغان گۈل» ۋە «تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى»، «مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى»، «گۈلبېكە»، «ئۈرۈمچى ئاسمىنى»، «پىيوياڭدىكى ئۇچرىشىش»، «مېھرى-مۇھەببەت» قاتارلىق كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ رېژىسسورلىقىنى ئىشلەپ كىنو ساھەسىدە زور تەسىر قوزغاپ تاماشىبىنلارنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. شىرزات ياقۇپ رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىملەرنىڭ ئىشلىنىش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، كۆرۈنۈشلىرى گۈزەل، بەدئىي جەلىپ قىلىش كۈچى ئىنىتايىن يۇقىرى بولۇپ، ھەر قانداق ئادەمنى ئىختىيارسىز ھاياجانغا سالماي قالمايدۇ.

شىرزات ياقۇپ رېژىسسولۇق قىلىغان يۇقىرىقى فىلىملەر كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ ئۇنىڭغا زور ئۈمىد ۋە ئىشەنچە ئاتا قىلدى. ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان «مېھرى-مۇھەببەت» ناملىق فىلىم يېقىندا مەملىكەتلىك «بەش بىر قۇرۇلۇش» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

شىرزات ياقۇپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا شۆھرەت قازانغان، خەلقئاراغا يۈزلەنگەن داڭلىق رېژىسسور، ئۇ تىنىمسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق 2006-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە «تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى»، «مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى»، «گۈلبېكە»، «ئۈرۈمچى ئاسمىنى»، جۇڭگو-چاۋشەن ھەمكارلىقىدا ئىشلەنگەن «پىيوياڭدىكى ئۇچرىشىش» قاتارلىق فىلىملەرگە رېژىسسولۇق قىلىپ خەلقئاراغا يۈزلەنگەن، جۇڭگودا كۆزگە كۆرۈنگەن، شىنجاڭدا داڭق قازانغان ئاتاقلىق رېژىسسورغا ئايلاندى. ئۇ ھازىر جۇڭگو رېژىسسورلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مەملىكەتلىك كىنوچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ كىنوچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. 


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز