تاماق ئۈستىلىگە سۇلياۋ داستىخان سېلىپ قويماسلىق كېرەك. سۇلياۋ بولسا زەھەرلىك بولغان ئەركىن مونومېر (بىر خىل بىرىكمە)، خىلورلۇق ئېتىلېننىڭ پولى ئېتىلېنلىق سىمولىسىدىن ياسالغان بولۇپ، ئاشخانا سايمانلىرى ھەمىشە بۇ خىل زەھەرلىك ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرسا، ئادەتتە سوزۇلما زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يېمەكلىكلەرنى تور ياپقۇچ بىلەن يېپىپ قويماسلىق كېرەك. چىۋىن تور ياپقۇچ ئۈستىگە قونغاندىن كېيىن چىۋىن ئېلىپ يۈرگەن كېسەللىك مىكروبلىرى ۋە پارازىت قۇرۇتلارنىڭ تۇخۇملىرى تور ياپقۇچقا يېپىشىپ قالىدۇ -دە، تور ياپقۇچلارنىڭ تۈشۈكلىرىدىن يېمەكلىكنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ يېمەكلىكلەرنى بۇلغايدۇ.