شىرىن خىيال
ئامىنە مەتتۇرسۇن
جىمجىت ئايدىڭ ئاپپاق كىچىدە
شۇنچە شىرىن سۈردۈم مەن خىيال
خىياللىرىم ئۇچماقتا ھەريان
سېنى ئىزدەپ باردى ئىھتىمال
ئۇچۇپ بارساقېشىڭغا ئەگەر
مىنىڭ تاتلىق شۇ خىيال قۇشۇم
قۇچاق ئېچىپ كۈتىۋالاسەنمۇ
باغرىڭغا چىڭ بېسىپ ئومۇقۇم
كۈرۈندى ئاھ كۈزۈمگە جېنىم
تاتلىققىنا كۈلگەن سىمايىڭ
خىياللىرىم كەتسە بۇزۇلۇپ
يوقارمۇ تەڭ كۈلگەن نىگارىڭ
ئاھ، جېنىم سەن كەتمە يېنىمدىن
يۇقىمىسۇن شىرىن خىيالىم
يۈرۈگۈمگە ئورنىغان بىلسەڭ
ساداقىتىڭ ئەي ۋاپادارىم
2013- يىلى22- نۇيابىر